قاراماي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى- ئىسمانگۈل غاپپار
    يوللانغان ۋاقتى:2016-07-06 02:17 مەنبەسى: nur.cn



        ئىسمانگۈل غاپپار 1988-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراماي شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراماي شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپتە يەنى ھازىرقى «6-ئوتتۇرا مەكتەپتە» تاماملىغان. ئۇنىڭ كىچىكىدىن سەنئەتتە ئالاھىدىلىكى بولغاچقا مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناش ۋە ئاۋاز بېرىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن.                                                   

        


        2004-يىلى ئىسمانگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىدىكى بۇ تالانتنى بايقاپ قاراماي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە بۆلۈمىگە كىرىشىگە مەدەت بەرگەن. ئۇيەرگە كىرگەندىن كېيىن ئىسمانگۈل ئۇستازلارنىڭ ئاۋاز بېرىش ماھارىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، تۇنجى قېتىمدىلا ئاساسلىق رولغا ئاۋاز بەرگەن. ھەمدە 16 يېشىدا ئۇ تۇنجى بولۇپ ئاۋاز بەرگەن «تويدىن كېيىنكى 10 يىل» دېگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىسمانگۈلنىڭ كىنو فىلىملەرگە ئاۋاز بېرىش ھاياتى رەسمىي باشلانغان. ئۇ ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ «ئورمانلىقتىكى ھايۋاناتلار»، «باياشات تۇرمۇش»، «ئانا مېھرى»، «خازان بولغان ياشلىق»، «دوختۇر بىتيۇن»، ھىندىستان ھېكايە فىلىمى «شاھىت»، قايتا ئىشلەنگەن «يۇمۇلماس كۆز» ۋە يېقىندا ئىشلىنىۋاتقان «مۇھەببەتنىڭ 36 تەبىرى» قاتارلىق كىنو فىلىملاردا ئاساسلىق روللارغا ئاۋاز بەرگەن  ھەمدە «باياشات تۇرمۇش» «خازان بولغان ياشلىق»، «ئانا مېھرى»، «دوختۇر بىتيۇن»  قاتارلىق فىلىملەر ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر بويىچە 2-3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.




        ئۇ 2006-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ گۈزەل ئارزۇ ئارمانلار بىلەن مەركىزىي مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇزىكا مائارىپى كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا كەسىپتە ئۆزىنىڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ تىرىشىپ ئۆگەندى.

        ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنى بالدۇر تاپشۇرۇپ 2012-يىلى 3-ئايدىن 7-ئايغىچە مەكتىپىگە يېقىن بولغان «مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى» غا كىرىپ ئۆزىنىڭ يەنە بىر زور قىزىقىشى بولغان دىكتور-رىياسەتچىلىك كەسپىنى ئۆگىنىش ئارزۇسىدا ئۇ يەردە تۆت ئاي پىراكتىكا قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ ھەركۈنى ئەتىگەندە رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى قىزغىن كۆتۈرۈپ مەنىۋى تۇرمۇشىغا زور مەدەت خۇشاللىق بەخش ئېتىپ كېلىۋاتقان «تاڭ ساداسى» پىروگراممىسىنىڭ مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىدى ۋە 1-ئىيۇنلۇق بالىلار بايرىمى كۈنىدىكى «تاڭ ساداسى» پىروگراممىسىغا شۇ پىروگراممىنىڭ ئەسلى رىياسەتچىسى زۇمرەت ياسىن بىلەن بىللە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەرخىل زىيارەتلەرگە بېرىپ ئۆزىنى چېنىقتۇردى. بۇ جەرياندا ئۇ بۇ كەسىپكە تېخىمۇ قىزىقتى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت، ئۆزلۈك ئېڭى، چىنلىق، مەنىۋى بايلىق، غۇرۇر نىشان تەلەپ قىلىدىغان بۇ كەسىپ ئىسمانگۈلنى ئۆزىگە بارا-بارا جەلپ قىلدى. قەلب چەشمىلىرىنى يېقىملىق ئاۋازى ئارقىلىق نۇرغۇن قەلبلەرگە يەتكۈزۈش ئۇنىڭ بۇ كەسىپكە بولغان ئىشتىياقىنى ئاشۇرۇپ باردى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ تەكلىپى بويىچە يۇرتى قارامايغا قايتىپ كېلىپ ئۆزىنى دەسلەپ چېنىقتۇرغان قاراماي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىغا قايتا قەدەم باستى.


        ئىسمانگۈل قاراماي خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا كىرىپ «ئارام شادلىقى ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسى» نى قولىغا ئالدى ھەمدە بۇ پىروگراممىنىڭ مۇھەررىرلىك، رىياسەتچىلىك خىزمىتىنى ئىشلەشكە باشلىدى. ئۇ دەسلەپ قاراماي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا پىراكتىكا قىلىش جەريانىدىلا قارامايدىكى نۇرغۇنلىغان رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. مىكروفون ئالدىدىكى تەبىئىيلىكى، جۇشقۇن كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتى ۋە پىروگراممىغا ئورۇنلاشتۇرغان سەرخىل يېڭىچە مەزمۇنلىرى بىلەن رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.


        ئىسمانگۈل غاپپار  قاراماي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا ئىشلەۋاتقان مۇشۇ تۆت يىلدىن بۇيان ئاز بولمىغان پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىش ھەمدە ناخشا ئېيتىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپ كەلدى.                                   

        ئۇ ئىشلەۋاتقان «ئارام شادلىقى» پىروگراممىسى ھەريىلى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر بويىچە ئەسەر باھالاش ۋە رىياسەتچىلىك جەھەتتە مۇنەۋۋەر نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ كەلدى.                       


        2013-يىلى ئۇ مۇخبىرلىق قىلغان «جۇڭگو شىنجاڭ قاراماي ئاۋىياتسىيە بايرىمى ئېچىلىش مۇراسىمى» خەۋىرى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى ۋە «شىنجاڭ خەۋىرى ئاخبارات مۇكاپاتى» غا تاللىنىپ 3-دەرىجىگە نائىل بولدى. ئىسمانگۈل تەبىئىيلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، چىنلىق ئاخباراتنىڭ جېنى دەپ بىلگەچكە زىيارەتنى تولىمۇ چىن ھېسسىياتى بىلەن قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ شۇ نەق مەيداندىكى تەبىئىي ھېسسىياتى سىڭىپ كىرگەن زىيارەت خەۋىرى ئۇنى بۇ مۇكاپاتقا نائىل قىلدى. ئۇ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ، كىتاب ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى.


    ئۇ 2014-يىلى ئۆزى بىلەن ئورتاق نىيەت، ئورتاق نىشان ۋە گۈزەل غايىلەردە بولغان ئابدۇۋەلى ئابدۇسوپۇر بىلەن توي قىلغان بولۇپ، يولدىشى ئۇنىڭ كەسىپتىكى ئەڭ يېقىن قوللىغۇچىسى ۋە يېقىن ياردەمچىسى. ئۇلار خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەكلا ماسلاشقان.

                  


    ئىسمانگۈل غاپپار ھازىر قاراماي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ FM 90.7 چاستوتىسىدا ھەركۈنى ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10 دىن 11 گىچە بىر سائەت بىۋاسىتە ئاڭلىتىلىدىغان «كۆڭۈل سوۋغىسى» تەلەپ-تەقدىم پىروگراممىسىغا ۋە ھەر شەنبە يەكشەنبە كۈنىدىكى «ئارام شادلىقى» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ.

    بىز ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسپىي ھاياتىغا زور ئۇتۇق نەتىجىلەرنى تىلەيمىز.




كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ