بوللىۋودقا بۆسۈپ كىرگەن چەتئەللىك ئايال ئارتىسلار
    يوللانغان ۋاقتى:2016-07-23 12:10 مەنبەسى: nur.cn


    يانا گۇپتا

    چېخلىق مودېل، ئارتىس

    جىزىل مونتېيرو

    برازىلىيەلىك مودېل، 2009-يىلى سەيىف ئەلى خان، دېپىكا پادۇكون باش رول ئالغان فىلىم «Love Aaj Kal» دا رول ئېلىپ بىرقانچە مۇكاپاتتا ئىسمى ئاتالغان، لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن پەقەت بىرلا كىنو ئىشلەپ بوللىۋودتىن ئايرىلغان.


    ئەيمىي جىكسون

    ئەنگلىيەلىك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بوللىۋد ۋە كوللىۋودتا تەرەققىياتى ياخشى بولماقتا،«Singh Is Bliing» قاتارلىق فىلىملەرنى ئىشلىگەن.  پات ئارىدا ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان فىلىم «2.0» دە رول ئالىدۇ.

    باربارا مورى

    ئۇراگۋايلىق ئارتىس، رىتىك روشان بىلەن فىلىم «لەگلەك»تە باش رول ئالغان.


    ئېللى ئاۋرام 

    شۋېتسىيە ۋە گرېتسىيەلىك مودېل، سالمان خاننىڭ داڭلىق پروگراممىسى «Bigg Boss»غا قاتنىشىپ داڭ چىقارغان.

    سانىي لېئون

    دۆلەت تەۋەلىكى كانادالىق لېكىن ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانىسى ئىككىلىسى ھىندىستانلىق كۆچمەن.

    سابىق شەھۋانى فىلىم ئارتىسى، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى ئاممىنىڭ ۋە كىنو ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، بوللىۋود ئاساسىي ئېقىم فىلىملىرىگە سىڭىپ كىرمەكتە.

    كلودىيە چېسىلا

    پولشا گېرمانىيەلىك مودېل، بىرقانچە كىنودا رول ئالغان.

    نەرگىس فەكرى

    ئامېرىكىلىق مودېل، دادىسى پاكىستانلىق، ئاپىسى چېخلىق. «روك چولپىنى» «Housefull3»، «جاسۇس» قاتارلىق داڭلىق فىلىملەردە رول ئالغان.


    جەكۋىلىن فېرناندىس

    سرىلانكالىق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بوللىۋودتا ئىستىقباللىق ئايال چولپانلارنىڭ بىرى بولۇپ كۆزگە كۆرۈندى. «ھۇجۇم»، «مۇسابىقە 2»،«قېرىنداشلار»، «روي» قاتارلىقلار فىلىمدە رول ئالغان، يەنە بىرقانچە چوڭ فىلىملار  قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

    كاترىنا كەف

    شياڭگاڭدا تۇغۇلغان، دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيەلىك، دادىسى كەشمىرلىك مۇسۇلمان، ئاپىسى ئەنگلىيەلىك.

    ھازىرقى بوللىۋودتىكى فىلىم ھەققى ۋە بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى، ئەڭ داڭلىق ئايال چولپانلارنىڭ بىرى. 






كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ