جۇڭگودىكى قىممىتى ئەڭ زور 10 ئايال
    يوللانغان ۋاقتى:2016-08-16 09:57 مەنبەسى: nur.cn

    10. ليۇ تاۋ، يولدىشىنىڭ ئىسمى ۋاڭ كې بولۇپ، 1980-يىلى شەندۇڭ يەنتەيدە تۇغۇلغان، ۋاڭ كې بولسا ئىلگىرىكى «بېيجىڭ شەھىرىدىكى تۆت ياش» نىڭ بىرى. 2007-يىلى ۋاڭ كې بىلەن ليۇ تاۋ لىفىتتا تونۇشقان بولۇپ، ئىككەيلەن 20 كۈندىن كېيىنلا توي خېتى ئالغان، ھەمدە 2008-يىلى 1-ئايدا بېيجىڭدا 4 مىليون يۈەن سەرپ قىلىپ زور تىپتىكى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، ئارقىدىنلا ليۇ تاۋ سەنئەت ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققان.

    9. لى شياڭ، يولدىشى ۋاڭ يۆلۈن، جۇڭگودىكى داڭلىق رېژىسسور. ماڭگو تېلېۋىزىيەسىنىڭ خوجايىنى، ھازىرقى قىممىتى بىر مىلياردتىن ئاشىدۇ!

    8. لى جىڭ، رىياسەتچى، فىلىم ئىشلىگۈچى، ئارتىس، شەرق فېڭشىڭ ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، لېفېڭ تورى (乐蜂网) نىڭ قۇرغۇچىسى. 2010- يىلى تۆتىنچى ئايدا «جۇڭگو كارخانىچىلىرى» ژۇرنىلى تارقاتقان 2010- يىلىدىكى جۇڭگو كارخانىچىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە «سودا ساھەسىدىكى مۇلەن» دېگەن شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ناھايىتى تىنچ ئارىلىق»، «گۈزەل نازىنىنلار» قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ رىياسەتچىسى.

    7. ياڭ لەن، 1968-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدا تۇغۇلغان. جۇڭگودىكى تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنىڭ رىياسەتچىسى، تاراتقۇچىسى، تاراتقۇ كارخانىچىسى، خەير-ساخاۋەتچى. قۇياش نۇرى (阳光) ئاخبارات ۋاستىچىلىقى گۇروھىنىڭ رەئىسى ۋە قۇياش نۇرى مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى. 10-نۆۋەتلىك، 11-نۆۋەتلىك، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولغان. قىممىتى 7 مىليارد. 

    6. جاڭ يۈشەن، شۇ يىللىرى شياڭگاڭ كىنو ‐ تېلېۋىزىيە چەمبىرىكىدىكى ئەڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان شەخىس بولۇپ، ھازىر تېلېۋىزور ئېكرانىدىن ئاستا-ئاستا غايىب بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى! ھازىر سودا ساھەسىدە بىر كىشىلىك ئورنى بار، ھازىر شيۇ شېنتاڭ پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ رەئىسى، پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتنىڭ ئەڭ ياش خوجايىنى دەپ تەرىپلەنگەن. 

    5. گو كېيىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان، بىر يىلدىن كېيىن «مىليون سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسى» غا ئايلانغان. 1993- يىلى شياڭگاڭ خانقىزى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئويۇن قويۇش مۇسابىقىسىدە «ئەڭ يوشۇرۇن ساپاغا ئىگە شەخىس مۇكاپاتى» ۋە «ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تاراتقۇچى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. دادىسى 100 مىليون يۈەنلىك مۈلۈك ۋە 100 مىليونلۇق سۇلياۋ سودىسىنى تۆت پەرزەنتىگە مىراس قالدۇرغان. ھەدىسى گو كېشىن جەمەتىنىڭ تىجارىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا، ئىنىسى گو كېسوڭ ۋە سىڭلىسى گو كېسى قاتارلىقلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم-ئايرىم بولغان ئېكسپورت شىركىتى ۋە ئاپتوموبىل سودىسى بار، گو ئاتا جان ئۈزۈش ئالدىدا گو كېيىڭنىڭ سۇلياۋ سودىسىنى قولىغا ئېلىپ، ھەمدە شۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئارزۇ قىلغان. 

    4. چى ۋېي

    3. جاڭ تىڭ، ۋە ئۇنىڭ يولدىشى لىنرۈي «ئۇنىڭ ئۈچۈن جەڭ قىلىمىز» دېگەن پروگراممىغا تايىنىپ مەستانىلىرى سانى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن، پروگراممىدا تاماشىبىنلارغا ئەر-ئايال ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىقنى نامايەن قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، جاڭ تىڭ بىلەن يولدىشى لىنرۈينىڭ قىممىتى 33 مىلياردقا يەتكەن بولۇپ، ئىككىنچى ئەۋلاد بايلار بولماستىن بەلكى پۈتۈنلەي ئۆز قولىغا تايىنىپ بېيىغانلاردۇر. پروگراممىدا، لىنرۈي ئايالى جاڭ تىڭغا ناھايىتى ئامراق بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدۇ. 

    2. فەن بىڭبىڭ، سەلتەنەتلىك ئايال پادىشاھ

    1. جاۋ ۋېي، ئېنىقلا ھازىر بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.





كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ