ئازادبېك نەزەربېكوۋ ئورنىنى يۇلتۇز ئوسمانوۋاغا تاپشۇرامدۇ؟
    يوللانغان ۋاقتى:2016-12-27 02:01 مەنبەسى: nur.cn

    ئۆزبېكىستان كۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    ھەر يىلى باھاردا ئون كۈنلۈك سەييارە كونسېرت ئۆتكۈزۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسى ئازادبېك نەزەربېكوۋ 2017-يىلى بۇ ئەنئەنىنى داۋام ئەتتۈرمەيدىكەن. 

     ئازادبېك نەزەربېكوۋ ھەر يىلىدىكى بۇ بۈيۈك ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن چەككەن جاپاسىنىڭ ھاردۇقىنى ئېلىش شۇنداقلا ئۇزۇن يىلدىن بۇيانقى ئاران كەلگەن «تەتىل»ىنى ئۆتكۈزۈش تۈپەيلى، پەقەت بۇ ئون كۈنلۈك ئەنئەنىۋى كونسېرتنىلا ئەمەس بەلكى، بۇ پۈتۈن يىلدا چوڭ سەھنىلەرگە تەشرىپ قىلماي ئارام ئېلىشى مۇمكىنكەن. 

    ئازادبېك نەزەربېكوۋنىڭ ۋەكىللىرى يەنە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن.

    مەنبەدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل دېكابىردا ئۆزبېكىستان سەھنىسىگە قايتقان ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسى يۇلتۇز ئوسمانوۋا 2017-يىلى ئاپرېلدا 15 كۈن داۋام ئېتىدىغان چوڭ تىپتىكى سەييارا كونسېرتىنى ئۆتكۈزىدىكەن.

    شۇنىڭدەك «ئىستىقلال» سەنئەت سارىيىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئازادبېك نەزەربېكوۋ 2017-يىلىدا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇرمىغان، بىراق سەنئەتكارنىڭ ئىجادىيەتلىرى ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدىغانلىقى شۇنداقلا دۆلەتلىك بايرام تەنتەنىلىرىدە يېڭى ئىجادىيەتلىرىنى تەقدىم ئېتىدىكەن. 





كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ