,يىڭى كىنو تورى ,www.yigifilim.com,www.yigikino.com ,,,基金,护照,黄金,基金开户,基金净值查询,赴美产子,留学,到美国生,3+2留学,投资移民,外贸投资,海外投资,
    جۇڭگو تاماشا ساھەسىدىكى ھالقىش مۇمكىن بولمايدىغان 10 شەخس
    يوللانغان ۋاقتى:2017-01-05 03:05 مەنبەسى: nur.cn

    جۇڭگو تاماشا ساھەسىدىكى ھالقىش مۇمكىن بولمايدىغان 10 شەخس

    10- چېن داۋمىڭ

     ئەگەر دۆلىتىمىزدىكى سەنئەتكارلار ئىچىدە ئەڭ تالانتلىق، كىتابخۇمار، ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم كىم؟ دەپ سورالسا، ئۇنداقتا ئۇ ئادەم دەل چېن داۋمىڭدۇر!

    «ئاخىرىقى پادىشاھ»، «مېنىڭ 1919-يىلىم我的1991»، «كاڭشى خاندانلىقى康熙王朝»، «تۇيۇق يول无间道»، «دۆلەت قۇرۇش زور ئىشى建国大业» قاتارلىق كىنو-فىلىملەر چېن داۋمىڭنىڭ تالانتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

    9-ليۇ دېخۇا

     ليۇ دېخۇا ئىلگىرى بىزگە «تۇيۇق يول无间道»، «سوغۇق ئۇرۇش寒战»، «ئەما رازۋېدكىچى盲探»، «جاھاندا ئوغرى يوق天下无贼»، «قوشماق باتۇر绝代双骄» قاتارلىق ئېسىل فىلىملەرنى سوۋغا قىلغان ھەمدە بۇ فىلىملەردە ئۇ ئالغان روللار بەكمۇ جايىغا چۈشكەن ئىدى، ئەپسۇس يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئەخلەت فىلىملەرنى كەينى-كەينىدىن ئىشلىگەچكە بۇ تىزىملىكتە 9-ئورۇنغا تىزىلىپ قالدى.

    8-جوۋ رۈنفا

     جوۋ رۈنفا ئەينى يىللاردا رول ئالغان «شاڭخەي ساھىلى上海滩»، «قىمار شاھى赌神» قاتارلىق فىلىملەرنى ھەقىقەتەنمۇ كىلاسسىك فىلىملەر، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، مەيلى «شاڭخەي ساھىلى» قانچە قېتىملاپ ئىشلەنگەن بولسۇن، جوۋ رۈنفا رولىنى ئالغان شۈ ۋېنچياڭنى ھېچكىممۇ ئۇنىڭدەك ۋايىغا يەتكۈزەلمىدى، «قەھرىماننىڭ جاسارىتى英雄本色» فىلىمىدىكى شياۋ ما ئاكىنى ھېچكىممۇ ئۇنىڭدەك دورىيالمىدى. كېيىنچە جوۋ رۈنفا ھوللىۋودقا يۈرۈش قىلدى، «ئوقلار ئۇچسۇن让子弹飞» ناملىق ياخشى فىلىمىدىن باشقا تۈزۈكرەك ياخشى فىلىمگە قاتناشمىدى، شۇڭا 8-رەتكە تىزىلدى.

    7-لياڭ چاۋۋېي

     لياڭ چاۋۋېيدا بار سالاپەت باشقىلاردا بولسىمۇ، لېكىن رولنى ئۇنىڭدەك ئالالمايدۇ، ئۇنىڭدىكى ئۆزگىچە سېھرىي كۈچ باشقىلاردا يوق، «كوچىنى قانغا بوياش喋血街头»، «چۇڭچىڭدىكى ئورمانلىق重庆森林»، «گۈلدەك ھايات花样年华»، «قەھرىمان英雄»، «باھار نۇرىغا چۈمۈلۈش春光乍泄»، «چىبىدىكى جەڭ赤壁» قاتارلىق فىلىملەردە ئۇ ئۆزىدىكى تەبئىي تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

    6-لياڭ جياخۇي

     لياڭ جياخۇي سەلبىي روللارنىمۇ، ئىجابىي روللارنىمۇ تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالالايدۇ، تۇرمۇشتا ئۇ بىر ياخشى ئەر، رول ئېلىشتا تالانتى بار، باشقىلار ئۇنى يۇقارقى جەھەتلەردە باشقا ئارتىسلارغا سېلىشتۇرۇپ، يەنىلا ئۇنىڭ رول ئېلىش قابىلىيىتىگە قايىل بولغان ھەم ئاپىرىن ئوقۇغان، ئۇ رول ئالغان «قارا جەمئىيەت黑社会»، «رىۋايەت神话»، «ھەر تەرەپتىن غەلىبە قىلىش东成西就»، «ئۆكتەبىردىكى قورغان十月围城»، «سوغۇق ئۇرۇش寒战»، «ۋېيخۇ تېغىنى پەم بىلەن ئېلىش智取威虎山» قاتارلىق فىلىملەر ئۇنىڭ رول ئېلىشتىكى ماھارىتىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بەرگەن، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ بۇجەھەتتىكى تالانتىنى، غەلىبىسىنى ئەزەلدىن داۋراڭ سېلىپ كەتمەيدىكەن.

    5-لى ليەنجيې

      لى ليەنجيې بىر ئارتىس، چامباشچى، ساخاۋەتچى، ئۇنىڭ «خۇاڭ فېيخۇڭ黄飞鸿»، «فاڭ شىيۈ方世玉»، جىڭۋۇ سارىيىدىكى باتۇرلار精武英雄»، «شاۋلىن ئىبادەتخانىسى少林寺» قاتارلىق گۇمپا فىلىملىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ گۇمپا ماھارىتىنى تولۇق ھېس قىلالايمىز. گەرچە ئۇ ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى يەنىلا يۇقىرى، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن فىلىملەردە رول ئالالمىدى، شۇڭا 5-رەتكە تىزىلدى.

    4-چېڭلوڭ

      چېڭلوڭ لى ليەنجيېگە ئوخشاشلا بىر خەلقئارالىق چولپان، ئەمما ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇ يەنىلا جۇڭگو دۆلەت تەۋەلىكىدە. ئۇنىڭ «يىلان گۇمپىسى蛇形刁手»، «مەست گۇمپىسى醉拳»، «ساقچى ھېكايىسى警察故事»، «شەھەرلىك ئوۋچى城市猎人»، «خەتەرلىك پەيتتە尖峰时刻»، «مەن كىم؟我是谁»، «رىۋايەت神话»....قاتارلىق فىلىملىرى بىرسى-بىرسىدىن ئېسىل، شۇڭا ئۇنى جۇڭگو كىنوچىلىقىغا كاتتا تۆھپە قوشتى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، گەرچە يېشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كىنوچىلىق ساھەسىدە يەنىلا تىرىشىپ كىلىۋاتىدۇ.

    3-جاڭ گورۇڭ

     ئۇ ھايات ۋاقتىدا «زومىگەرنىڭ ئاغىچىسى霸王别姬»، «ھەر تەرەپتىن غەلىبە قىلىش东成西就»، «جاھان كېزىش纵横四海»، «قەھرىماننىڭ جاسارىتى英雄本色» قاتارلىق ئېسىل فىلىملەردە رول ئالغان ئىدى، ئەپسۇس! ئۆمرى قىسقا بولۇپ قالدى...

    2-جوۋ شىڭچى

     جوۋ شىڭچى ھازىرغىچە ناھايىتى ياخشى بولغان كومىدىيەلىك فىلىملەرنى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ، «كومىدىيە شاھى喜剧之王»، «ئۆزگىرىشچان ۋاجرا百变星君»، «تاڭ بوخۇ唐伯虎点秋香»، «ساھىبجامال بېلىق美人鱼» قاتارلىق فىلىملىرى ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل فىلىملەر ھېسابلىنىدۇ.

    1-لى شياۋلۇڭ

      ئۇ ھايات ۋاقتىدا «ئەجدىھانىڭ دەريادىن ئۆتۈشى猛龙过江»، «جىڭۋۇ سارىيى精武门»، «ھالاكەت ئويۇنى死亡游戏»، «رەقىبلەرنىڭ ئېلىشىشى龙争虎斗»، «تاڭشەنلىك قېرىنداشلار唐山大兄» قاتارلىق كىلاسسىك فىلىملەرنى ئىشلىگەن بولۇپ، خەلقئارا كىنو تۈرىگە «گۇمپا تۈرىدىكى كىنو» دىن ئىبارەت يېڭى بىر تۈرنى ئىجاد قىلىپ بەرگەن.




كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ