سوڭ خيېكيو مۇھەببەت قارىشىنى سۆزلىدى
    يوللانغان ۋاقتى:2017-02-24 02:14 مەنبەسى: nur.cn

    «ۋاڭيى تاماشا تورى» 22-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سوڭ خيېكيو يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، مۇھەببەت قارىشىنى سۆزلەپ، يېنىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولغانلىقى، ئۆزىنىڭمۇ بەزىدە بۇ ئىشلارنىڭ ۋاقتى كەلدى، دەپ ئويلايدىغانلىقىنى، بىراق ياش ۋاقىتدا ئاسان تۇيۇلىدىغان ئۇ ئىشلارنىڭ ئەمدىلىكتە بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەنلا كىشىلەرنىڭ چوقۇم شۇ توغرىسىدا سۆزلەيدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋېرىپ، نىكاھ تۇرمۇشىغا بولغان خىياللىرىنىڭمۇ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

    بىراق سوڭ خيېكيودىن مۇھەببەتكە ئۈمىدۋار ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە سۆز بولۇنغاندا، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۈمىدۋار بولىدىغانلىقىنى، مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلدە پۈتۈن مېھرىنى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، بىراق ئاخىرلاشقاندا ئارقىسىغا قاراپمۇ قويمايدىغانلىقىنى، چۈنكى مۇھەببەتلەشكەندە پۈتۈن مۇھەببىتىنى ئاتا قىلغاچقا، پۇشايمانمۇ قىلمايدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرالمسىمۇ، ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. 





كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ