توڭ لىيا بىلەن چېن سىچېڭنىڭ ئاجراشىدىغانلىقى توغرىسىدا گەپ تارقالدى
    يوللانغان ۋاقتى:2017-03-02 05:50 مەنبەسى: nur.cn

    «سىنا تاماشا تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    ئالدىنقى مەزگىلدە چېن سىچېڭنىڭ يولدىن چىققاندىكى خەۋىرى سىرتتىكىلەرنى قاتتىق چۆچۈتتى. ئۇنىڭ «ياخشى ئەر» ئوبرازىمۇ بىراقلا يوققا چىقتى. توڭ لىيا بۇنىڭدىن بۇرۇن، مىكرو بىلوگىغا پەقەت «ھەممىنى يېڭىدىن باشلايمەن» دېگەننى ئېلان قىلغان. بىراق يېقىندا ئىككەيلەننىڭ پات ئارىدا ئاجرىشىدىغانلىقىدەك خەۋەر توردا تارقىلىشقا باشلىدى. گەرچە تاراتقۇلار چېن سىچېڭنىڭ ئىنكار قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، بىراق سىنا تاماشا مۇخبىرى بۈگۈن توڭ لىيانىڭ پائالىيەتكە قاتناشقاندا تويلۇق ئۈزۈكىنى تاقىمغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. 

    1-مارت توڭ لىيا تەكلىپكە بىنائەن بېيىجىڭدىكى مەلۇم بىر پائالىيەتكە قاتناشقان. گەرچە توردا ئۇنىڭ چېن سىچېڭ بىلەن ئاجرىشىدىغانلىقىدەك خەۋىرى تارقىلىپ يۈرسىمۇ، بىراق مۇخبىر ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقىنى، يىغىن مەزگىلىدە پۈتۈن زېھىنى بىلەن مەزمۇننى ئاڭلىغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ يەنە سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلغاندا، كۈلۈمسىرەشنى ئۇنۇتمىغان.

    گەرچە ئىككىلا تەرەپ ئاجرىشىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلسىمۇ، بىراق توڭ لىيانىڭ تويلۇق ئۈزۈكنى تاقىمىغانلىقى كىشىلەرنى سەل گۇمانلاندۇرۇپ قوياتتى.




كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ