,يىڭى كىنو تورى ,www.yigifilim.com,www.yigikino.com ,,,基金,护照,黄金,基金开户,基金净值查询,赴美产子,留学,到美国生,3+2留学,投资移民,外贸投资,海外投资,
    «جىگەرلىك ئەزىمەت» شىۋاسىنگېر بىلەن سىتايلون ئىلگىرى ئوخشاش ئايالنى ياخشى كۆرگەنىكەن
    يوللانغان ۋاقتى:2017-03-06 01:40 مەنبەسى: nur.cn

    «بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    شىۋاسىنگېر ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىدا ئايالىغا نۇرغۇن قېتىم ئاسىيلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ ياۋروپادا سۈرەتكە ئېلىنغان «خسىلەتلىك شەمشەر ئايال پادىشاھ» (神剑女王)نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، بىرىيگىيت نېلسون بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان. بىراق ئەينى ۋاقىتلاردا شىۋاسىنگېر بىلەن كېننىدىنىڭ جىيەن قىزى مارىيا سىيفېر مۇھەببەتلىشىۋاتقان بولۇپ، يەنە كېلىپ ئىككىنچى يىلى توي قىلىدىغانغا تەييارلىق قىلىۋاتقانىدى. 

    سۈرەتتە، شىۋاسىنگېر بىلەن بىرىيگىيت نېلسوننىڭ «خىسلەتلىك شەمشەر ئايال پادىشاھ» ناملىق كىنودىكى فىلىم سۈرىتى. بۇنىڭدىن ئەينى يىللاردىكى بىرىيگىيت نېلسوننىڭ ئېگىز بويلۇق نازىنىنلاردىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    سۈرەتتە، شىۋاسىنگېر بىلەن بىريىگىيتنىڭ بىرگە تۇرغاندىكى سۈرىتى. بۇ سۈرەتتىن شىۋاسىنگېرنىڭ بۇ ئايالغا پۈتۈنلەي مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىرىيگىيت نېلسون 1963-يىلى تۇغۇلغان، ئەينى ۋاقىتلاردا ئارانلا 20 ياش بولۇپ، ياشلىق باھارىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرى ئىدى. شىۋاسىنگېرنىڭ مەپتۇن بولۇشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن. كىنو ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىۋاسىنگېر ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن، بىراق ئويلىمىغان يەردىن، ئۇزاق ئۆتمەيلا بىرىيگىيت نېلسونمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئامېرىكىغا كەلگەن.

    كېننىدىنىڭ جىيەن قىزى مارىيا ئۇنىڭ ياۋروپادىكى ھەربىر ئىش-ھەرىكىتى ئاللىبۇرۇنلا ئاڭلاپ بولغان. ئۇ شىۋاسىنگېرغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پۇرسەت بېرىپ، ئۇنىڭ نېلسون بىلەن بولغان بولغان بارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. ئەلۋەتتە، شىۋاسىنگېر كىمنىڭ ھەقىقىي ئايال بولۇشقا مۇناسىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ بىرىيگىيت نېلسوننىڭ سىتايلوننى ئىنتايىن ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، دەسلەپتە شۇ ئىككەيلەننى بىر يەرگە ئەكىلىپ قويماقچى بولىدۇ.

    ئەينى ۋاقىتتا سىتايلون بىرىنچى ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، تېخى ھېچكىم بىلەن مۇھەببەتلەشمىگەنىدى. بىرىيىگىيت نېلسوننىڭ جەزبىدارلىقى ناھايىتى تېزلا سىتايلوننىڭ قەلبىنى ئۇتىۋالدى. سىتايلون ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بىراق مۇخبىرلار نېلسوننىڭ ياۋروپادا يولدىشى ۋە 16 ئايلىق بولغان ئوغلىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، سىتايلوننىڭ يۈزى بىراقلا چۈشۈپ كەتكەن ھەمدە 19 ئايلىق نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىغان.

    شىۋاسىنگېر بىلەن سىتايلون 1976-يىلى تونۇشقان. ئەينى ۋاقىتتا شىۋاسىنگېر بېۋېرلىيدىكى مەلۇم بىر سىناق قويۇش يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، شۇ جايدا سىتايلون بىلەن تونۇشقان. شۇ چاغلاردا سىتايلون «تەلۋە ئۆسمۈر» (狂野少年) ناملىق كىنوسى بىلەن خېلىلا نام قازانغان بولۇپ، شىۋاسىنگېر تەرەققىي قىلغان مۇسكۇللىرى بىلەن «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ساغلام بەدەن چېمپىيونى» شەرىپىگە ئېرشىكەن.

    ئىككەيلەن ئوخشاشلا ھوللىۋودنىڭ جىگەرلىك ئەزىمەتلىرىدىن. بۇرۇندىنلا تونۇشىدىغان ئىككەيلەن ئوخشاش بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈشكەن. ئەلۋەتتە، بۇ «قەھرىمان»لار ئارىسىدا ئاز ئۇچرايدۇ. گەرچە بۇ ئىش ئۇنچە كۆڭۈللۈك بولمىسىمۇ، بىراق ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، سىتايلون مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك شىۋاسىنگېرغا 20 نەچچە يىلدىن ئارتۇق ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەن. بىراق ھازىر ئىككىلا جىگەرلىك ئەزىمەت ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ، يېقىن بۇرادەرلەرگە ئايلىنىپ، دائىم دېگۈدەك بىرگە ئوينايدىغان بولدى.




كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ