,يىڭى كىنو تورى ,www.yigifilim.com,www.yigikino.com ,,,基金,护照,黄金,基金开户,基金净值查询,赴美产子,留学,到美国生,3+2留学,投资移民,外贸投资,海外投资,
    ھىندىستان چولپىنى سالمان خان رۇمىنىيەلىك ئارتىس بىلەن توي قىلماقچى
    يوللانغان ۋاقتى:2017-04-17 01:48 مەنبەسى: nur.cn

    ھىندىستان چولپىنى سالمانخان رۇمىنىيەلىك ئارتىس بىلەن توي قىلماقچى

        توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي خەۋەر قىلىدۇ: ھىندىستان «بوللىۋود» كىنوچىلىق مەركىزىنىڭ چولپانلىرىنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتى ۋە شەخسىي تۇرمۇشى كەڭ كىنو ھەۋەسكارلىرىنىڭ نەزىرىدىن ئىزچىل نېرى بولغان ئەمەس. ھىندىستاننىڭ ئاساسلىق داڭلىق چولپانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا تونۇش بولۇپ كەتتى. داڭلىق چولپان سالمانخان ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. «بوللىۋود» كىنو ھەۋەسكارلىرىغا مەلۇم بولغىنىدەك، سالمانخان بۇ يىل 51 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە توي قىلمىدى. ئۇنىڭ نىكاھ بوسۇغىسىدىن ئىزچىل چەتتە تۇرۇشى تاراتقۇلارنىمۇ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەنىدى، ئۇنىڭ كىم بىلەن توي قىلىدىغانلىقى، قايسى ئارتىسلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇۋاتقانلىقىدەك خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كەلگەنىدى. 2015-يىلى سالمانخاننىڭ بىر قىز بىلەن توي قىلىدىغانلىق خەۋىرى تارقالغان، بىراق ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، سالمانخاننىڭ تويىغا دۇمباق چېلىنمىدى. 

        مەن يېقىندا بومبايدا تۇرۇشلۇق بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق، سالمانخاننىڭ بۇ يىل توي قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم، لېكىن ئېنىق ۋاقتى بېكىتىلمىگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، سالمانخان رۇمىنىيەلىك تېلېۋىزىيە پىروگرامما رىياسەتچىسى، ئارتىس، مودېل، ناخشىچى لۇلىيا ۋانتۇر بىلەن توي قىلىدىكەن. سالمانخان ئۇ قىزنى ئۆيىگە ئەكىرىپ پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىغا كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ بولغان.

    تۆۋەندە لۇلىيا ۋانتۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى بىر نەچچە ئادرېستىن رەتلەپ چىقتىم.


        سالمانخاننىڭ بولغۇسى ئايالى لۇلىيا ۋانتۇر ھەققىدە


        ھىندىستان «بوللىۋود»نىڭ مەشھۇر چولپىنى سالمانخاننىڭ بولغۇسى ئايالى لۇلىيا ۋانتۇر رۇمىنيەلىك داڭلىق تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى ۋە ئارتىس. ئۇ 1980-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى رۇمىنىيەنىڭ ياشى ئوبلاستىدا تۇغۇلغان، مەكتەپتە مەخسۇس قانۇن ئۆگەنگەن، لۇلىيا 15 يېشىدىن باشلاپلا تېلېۋىزىيە پىروگرامما رىياسەتچىسى ۋە مودېل بولغان. ئۇ شۇ يىللاردا بىر يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا رىياسەتچىلىك قىلىشقا باشلىغان. سالمانخان 2010-يىلى بېرلېندا لۇلىيا بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن، «بوللىۋود»نىڭ «O Teri» ناملىق فىلىمى سەۋەبىدىن سالمانخان بىلەن ئالاقىسى قويۇقلاشقان. لۇلىيانىڭ ھىندى تىلىدىكى «vrsion» ناملىق پىروگراممىسى سالمانخاننىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا سۈرەتكە ئېلىنىدىغانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سالمانخان شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭغا ھىندى تىلى ئۆگىتىشكە باشلىغان، بۇنداق بولغاندا ئۇ تاماشىبىنلار بىلەن بىمالال پىكىر ئالماشتۇرالايتتى. سالمانخان يەنە ئۇنىڭغا بىر ھىندى تىلى ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بەرگەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئىزچىل تۈردە ھىندى تىلىنى ئۆگىنىپ، ھىندىچە ناخشىلارنى مەشىق قىلغان.

        لۇلىيا ھازىرغىچە نۇرغۇن تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغان، مودېل بولغان، ياۋروپادا ئىشلەنگەن بىر نەچچە فىلىمدە باش رول ئالغان، سالمانخان باش رول ئالغان بىر نەچچە فىلىمدە رول ئېلشقا قاتناشقان، ئۇنىڭ يەنە بىر نەچچە ناخشا پىلاستىنكىسى نەشر قىلىنغان.

        سالمانخان بىلەن لۇلىيا ۋانتۇر 2017-يىلى توي قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

    (ئەسكەرتىش: بۇ ھەقتە يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يېڭى بىر خەۋەر ئېلان قىلىنىدۇ)





كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ