تاماشادىكى بىر جۈپ كۆزى «سۆزلىيەلەيدىغان» ئارتىسلار
    يوللانغان ۋاقتى:2017-04-18 05:06 مەنبەسى: nur.cn

    بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    ئېلزابىت تايلور، 1932-يىل 27-فېۋرال تۇغۇلۇپ، 2011-يىل 23-مارت قازا قىلغان. ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان، ئامېرىكا كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى.

    بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇ رول ئالغان «مىسىر خانىشى» ناملىق كىنونى بىلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئاشۇ بىر جۈپ كۆزى ھەقىقەتەنمۇ سۆزلىيەلەيتتى.

    ئىلگىرى ئىككى قېتىم ئوسكار خانىشى بولغان بولغان ئۇنىڭ ئاشۇ سۆزلىيەلەيدىغان بىر جۈپ كۆزى ئاز ياردەم قىلمىغان بولۇش مۇمكىن.

    ئىسابېل ئادجانى 1955-يىل 27-ئىيۇن فىرانسيە پارىژدا تۇغۇلغان، فىرانسىيە ئايال ئارتىسى.

    ئۇ ئىلگىرى «فىرانسىيەدىكى بىرىنچى ساھىبجامال» دەپ تەرىپلەنگەن.

    ۋىۋېن لېىگھ، 1913-يىل 5-يانۋار ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى ھىندسىتان غەربىي بېنگال ئىشتاتىنىڭ دارجېلىنگتا تۇغۇلغان، ئەسلى ئىسمى ۋىۋېن مارى ھارتلېي، ئەنگىلىيە كىنو ۋە دىرامما ئارتىسى.

    1938-يىلى ئامېرىكا ھوللىۋودنىڭ كىنوچىلىقىغا يۈرۈش قىلىپ، «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن»دىكى قالتىس رولى بىلەن 12-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش پىرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئالاھىدە شەرەپكە نائىل بولغان ئەنگىلىيە ئايال ئارتىسىغا ئايلاندى.

    1999-يىلى ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى سايلاپ چىققان يۈز يىلدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ئارتىس تىزىملىكىدە 16-ئورۇنغا تىزىلغان.

    ئەر ئارتىسلارنىڭ ئىچىدە، جەيمېس ماكاۋوجنىڭ كۆزى بىر قەدەر ئالاھىدە بولۇپ، ئۇ 1979-يىل 21-ئاپرېل شوتلاندىيەدە تۇغۇلغان. ئەنگىلىيە كىنو-تېلېۋىزىيە، تىياتىر دىرامما ئارتىسى.

    ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزى نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنى جەلب قىلغان.

    ئۇنىڭ ئاشۇ بىر جۈپ كۆزىگە قارىسىڭىزلا، نېمە دېيىشىڭىزنى بىلەلمەيلا قالىسز.

    لىئوناردو دىكاپىرونىڭ بىر جۈپ كۆزى خۇددى جاھاندىكى ھەممە ئىشلارنى سۆزلەۋاتقاندەكلا قىلىدۇ.

    ياش ۋاقىتلاردىكى لىئوناردو دىكاپىرونىڭ سۆزلىيەلەيدىغان بىر جۈپ كۆزى تولىمۇ مەپتۇن قىلارلىق.

    مات پومو





كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ