مۆمىنجان ئابلىكىم ئۆزبېكىستانلىق چولپان گۈلسەنەم مەمەزايىتوۋا بىلەن ھەمكارلاشتى
    يوللانغان ۋاقتى:2017-04-29 05:58 مەنبەسى: nur.cn

    مۆمىنجان ئابلىكىم ئۆزبېكىستانلىق چولپان گۈلسەنەم مەمەزايىتوۋا بىلەن ھەمكارلاشتى

    ئۆزبېكىستان تاماشا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    دىيارىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ سەنئەت ساھەسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى يارىتىپ، خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئاتاقلىق سەنئەتكارىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم، ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسى گۈلسەنەم مەمەزايىتوۋا بىلەن ھەمكارلىشىپ سۈرەتلىك ناخشا ئىشلىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ئۆزبېكىستان «دېرەكچى» تاراتقۇسىدا ئاشكارىلاندى. 

    دېرەكچى تاراتقۇسىدا مۇنداق يېزىلغان: «سۆيگۈنۈم» (Sevgilim) ناملىق مەزكۇر سۈرەتلىك ناخشا ئۆزبېك خەلق ئارتىسى گۈلسەنەم مەمەزايىتوۋا بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم بىرگە ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، رېژىسسور سانجار مەتكەرىموۋ يېڭى ھەم ئۆزگىچە تەرزدە سۈرەتكە ئالدى.

    بۇ ناخشىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ھەم شۇنىڭغا تىلەكداشمىز.





كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ