جاۋ لىيىڭنىڭ بېيجىڭدىكى موم ھەيكىلىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى
    يوللانغان ۋاقتى:2017-05-21 02:40 مەنبەسى: nur.cn

    سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    20-ماي، جاۋ لىيىڭنىڭ موم ھەيكىلى بېيجىڭ «Madame Tussauds» موم  ھەيكەل سارىيىغا كىرىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن موم ھەيكەلنىڭ يوپۇقى ئاخىرى ئېچىلدى. جاۋ لىيىڭ ئۇچىسىغا ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ، چېچىنى قويىۋەتكەن بولۇپ ھەم شوخلۇقىنى ھەم ئوماقلىقىنى نامايەن قىلغانىدى. ئۇ نەق مەيداندا ئۆزىنىڭ موم ھەيكىلى بىلەن ھەمتۈرتكە بولغاچ سۈرەتكە چۈشتى.

    ئۇ يەنە مەستانىلەرنىڭمۇ موم ھەيكەلنى ئاسرىشىنى جېكىلەپ ئوچۇق-يورۇقلۇقىنى نامەيەن قىلدى. موم ھەيكىلىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشكەن ئۇ يەنە: «ئۆزۈمنى تېخىمۇ جىقراق كۆرىۋالسامكەن دەيمەن» دېدى.





كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ