,يىڭى كىنو تورى ,www.yigifilim.com,www.yigikino.com ,,,基金,护照,黄金,基金开户,基金净值查询,赴美产子,留学,到美国生,3+2留学,投资移民,外贸投资,海外投资,
    جۇڭگو تاماشا چەمبىرىكىدىكى ئەلاچى ئوقۇغان 10 ئەر چولپان
    يوللانغان ۋاقتى:2017-05-29 04:35 مەنبەسى: nur.cn

    چېن كۈن، 1996-يىلى بىرىنچى بولۇپ بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان، 2011-يىلى ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەدەبىي خاتىرىلەر توپلىمى «تۇيۇقسىز شىزاڭغا كېلىپ قالدىم» نىڭ سېتىلىشى 300 نەچچە مىڭ پارچىغا يېتىپ، 7-نۆۋەتلىك زەردار يازغۇچىلار تىزىملىكىگە كىرگەن.

    ليۇ يىجۈن، كەسىپتە بىرىنچى بولۇپ مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىغا كىرگەن.

    سۇ يوۋپېڭ، 1998-يىلى سۇ يوۋپېڭ مەكتەپ بويىچە بىرىنچى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى تەيۋەندىكى ئەڭ ياخشى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەن، ئۇ يەنە كۈچەيىتمە سىنىپقا كىرىش ئۈچۈن، ئاچلىق ئېلان قىلغان.

    يۈ ئېنتەي، ئۇ

    تىياتىر كەسپىدە ئوقۇۋاتقاندا يىلدا ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇغان، كېيىن تىياتىر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇغاندىمۇ فاكۇلىتېت بويىچە 1-بولغان، شۇنداقلا ئەنگلىيە ئوكىسفورد ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە بىرىنچى بولۇپ شاڭخەي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرلۇقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئۇنۋانلىرىمۇ بەك جىق، ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۆگىنىش تەلۋىسى دېيىشكە بولىدۇ.

    خۇاڭ لېي، ماتېماتىكا ئۇستىسى، بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتى، ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا تولۇق نومۇر ئالغان.

    جاڭ شەنشەن، بىرىنچى بولۇپ شاڭخەي تىياتىر ئىنىستىتۇتى ئورۇنلاش فاكۇلىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.

    ليۇ خاۋرەن، ئەمەلىي كۈچى زور ياش ئارتىس، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ سەنئەت ئىمتىھانىسىدا بىرىنچى بولغان. ۋۇ يىفەن پەقەت تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن، ياش ئارتىسلار ئىچىدە ليۇ خاۋرەننىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ئارتىس ھېسابلىنىدۇ.

    شىيې مېڭۋېي، جاڭگانىڭ رولىنى ئالغان بۇ يىگىتنى بوش چاغلىماڭ، ئۇ يەنە ئەلاچى ئوقۇغان، 2006-يىلى ھەر قايسى جەھەتلەردە بىرىنچى بولۇپ مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان.

    خۇاڭ شۈەن، بىر قېتىملىق زىيارەتتە ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 525 نومۇر ئالغانلىقىنى ئېيىتقان.

    لى ياپېڭ، ئۇ تاماشا چەمبىرىكىدىكى نامى چىققان «ئەلاچى ئوقۇغۇچى»، سەنئەت ئىمتىھانى بەرگەندە، ئۇ 500 دىن ئارتۇق نومۇر ئالغان، بۇنداق ئەھۋال سەنئەت ئىمتىھانىدا ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ.




كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ