دىلرابا بىلەن جاۋ يوۋتىڭ ۋاستىچى شىركىتى ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى
    يوللانغان ۋاقتى:2017-09-23 07:07 مەنبەسى: تور دۇنياسى
     

    سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    22-سېنتەبىر، جاۋ يوۋتىڭ قارمىقىدىكى ۋاستىچى شىركەت بايانات ئېلان قىلىپ، توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇنىڭ مەلۇم بىر ئايال چولپان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى قالايمىقان، يامان غەرەزلىك پەرەزلەرنى قاتتىق ئەيىبلىدى. باياناتنامىدا: «بىر پارچە ئاتالمىش پاراڭلشىىش خاتىرىسى كەسمە سۈرىتىدىن پىتنە-ئېغۋا ئويدۇرۇپ چىقىلدى، سۈرەتتىكى مەزمۇن بىلەن ئەمەلىيەت قەتئىي ئۇيغۇن كەلمەيدۇ»، دېيىلدى. ۋاستىچى شىركەت مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن يامان غەرەزدە قالايمىقان پەرەز قىلىشنى ۋە تارقىتىشتىن توختاشنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماقالە ۋە ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك كىشى ۋە گۇرۇپپىنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيتىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى زۆرۈرىيەت تۇغۇلسا قانۇن ئارقىلىق سەنئەتكارنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    دىلرابانىڭ ۋاستىچى شىركىتى ئېلان قىلغان باياناتنامە.

    يەنە بىر تەرەپتىن دىلرابانىڭ قارمىقىدىكى ۋاستىچى شىركەتمۇ باياناتنامە ئېلان قىلىپ، توردىكى ئۇنىڭ مەلۇم ئەر سەنئەتكار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يامان غەرەزدە پەرەز قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. باياناتنامىدە: «بۇ ئۇچۇر نۇرغۇنلىغان سۇپا ۋە تورداشلار ئارىسىدا شىددەت بىلەن يامراپ، ئېغىر دەرىجىدە دىلرابانىڭ ئوبرازى ۋە نام-شۆھرىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭغىمۇ زور دەرىجىدە روھىي بېسىم ئېلىپ كەلدى. بۇ شەخسىي سىر ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىغا تەۋە»، دېيىلدى.

    جاۋ يوۋتىڭنىڭ ۋاستىچى شىركىتى ئېلان قىلغان باياناتنامە

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە «دوۋبەن» تورداشلارنىڭ كىچىك گۇرۇپپىدا تارقىتىلغان پارچىسىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، ئۆزىنى جاۋ ۋۇئېر دەپ ئاتىۋالغان بىرسى ۋىدىيودا ئۇنىڭ دوستىنىڭ ھازىر ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان «غۇنچە»نىڭ قەدىمكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، توي قىلغان ئەرنىڭ ئىشىكىنى چەككەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئارقىدىنلا دىلرابانىڭ قەغەز قىيما سۈرىتى چىقارغان.

    يەنە بەزىلەر جاۋ ۋۇئېرنىڭ ئۈندىدار ئومۇمىي سۇپىسدا دىلرابانىڭ شۇ ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغاندا، كېيىن قارشى تەرەپ ئىنكار قىلغان.

    بىراق تورداشلار ئاۋۋالىقىدەكلا دىلرابا بىلەن جاۋ يوۋتىڭنىڭ مۇناسىۋىتىدىن گۇمانلىنىپ ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن قاتتىق غەزەپلەنگەن ئىككىلا تەرەپ ئارقا-ئارقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش باياناتنامىسى ئېلان قىلغان.


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ