شاھرۇھ خان بىلەن ئامىر خان پەيدا قىلغان بەس-مۇنازىرىلەر
    يوللانغان ۋاقتى:2017-09-23 08:28 مەنبەسى:
     


    بوللىۋود خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    پرىيانكا چوپرا بىلەن بولغان ئاشنىدارچىلىقى

    2012-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە ئائىلىسىگە سادىق دەپ قارىلىدىغان شاھرۇھ خاننىڭ تەنناز بوللىۋود چولپىنى پرىيانكا چوپرا بىلەن بولغان ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى بوللىۋود ئۈچۈن بىر پارتلاش خاراكتېرلىك خەۋەر بولدى. ئىگەللىنىشىچە مۇخبىرلار ئەزەلدىن بۇلارنىڭ ھەرخىل پائالىيەت سورۇنلاردا بىر-بىرسىگە چاپلىشىپ يۈرگىنىگە دىققەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار پىرىيانكانىڭ كېچە سائەت 3 دە شاھرۇھ خاننىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ كېتىپ بارغانلىقىنى بايقاپ قالغان، سۈرەت تارتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ لېكىن شاھرۇھ خاننىڭ قوغدىغۇچىلىرى مۇخبىرنى قوغلىۋەتكەن. كېيىن مۇخبىرلار يەنە پىرىيانكا بىلەن شاھرۇھ خاننىڭ مەخپىي نىكاھ ئوقۇتىۋالغانلىقىنى بايقىغان.

    بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، شاھرۇھ خان بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن، پىرىيانكا چوپرانىڭ بوللىۋودتىكى كەسپى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پەرىزىنىڭ ئەكسىچە شاھرۇھ خان پىرىيانكا چوپرا بىلەن بولغان نامۇۋاپىق مۇناسىۋىتىنى تا يېقىنغىچە داۋاملاشتۇرغان.

    سالمان خان بىلەن سوقۇشۇش

    2008-يىلى شاھرۇھ خان كاترىنا كەيفنىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە سالمان خان بىلەن قاتتىق سوقۇشۇپ قالغان. سەۋەبى، شاھرۇھ خان زىياپەتتە سالمان خانغا ئاشۋارىيا راي توغرۇلۇق قولاشمىغان چاقچاق گەپلەرنى قىلىپ سالمان خاننىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان، نەتىجىدە شاھرۇھ خان بىلەن ئايالى ئامالسىز زىياپەتنىڭ يېرىمىدە زىياپەتتىن ئايرىلغان. كاترىنانىڭ يىغلاۋاتقان، سالمان خاننىڭ قاتتىق ئاچچىقلىنىۋاتقان سۈرىتى ھەممە يەردە تارقىلىپ كەتكەن. زىياپەتكە قاتناشقان ئامىر خان سالمان خاننى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ، شاھرۇھ خاننىڭ ئۆيىگە باشلاپ بېرىپ ئىككەيلەننى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ لېكىن ئۈنۈمى بولمىغان.

    فارا خاننىڭ يولدىشى بىلەن سوقۇشۇش

    مىجەزى چۇس شاھرۇھ خان دائىم جېدەل تېرىپ خەۋەرگە چىقىپ تۇرىدۇ، سانجاي دۇتنىڭ زىياپىتىدە ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى فارا خان («يېڭى يىل مۇبارەك»، «ئوم شانتى ئوم»نىڭ رېژىسسورى، داڭلىق ئۇسسۇل ئىشلىگۈچى)نىڭ يولدىشى شىرىش كۇندەر بىلەن مۇشىتلىشىپ كەتكەن. بۇ قېتىملىق جېدەل ئەلۋەتتە فارا خاننى خاپا قىلغان، بۇ ئىش سەۋەبلىك فارا خان شاھرۇھ خان بىلەن بىر نەچچە يىلغىچە سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى قىلغان. 

    ئايرودرومدا تەكشۈرۈلۈش

    شاھرۇھ خان ھىندىستاندىكى ئەڭ داڭلىق چولپانلاردىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئامېرىكا ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنىپ تەكشۈرۈلگەن. بۇنداق ئىش بىر ئەمەس ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن. تېخى ئىككىنچى قېتىمدا ئۇ يالى ئۇنىۋېرسىتېتىغا نۇتۇق سۆزلەشكە ماڭغان ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى شاھرۇھ خان بىر گۇمانلىق ئۇنسۇر بىلەن ئىسىمداش بولۇپ، ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۇدا ئىككى قېتىم ئۇنى ئايرودرومدا تۇتۇپ قېلىپ تەكشۈرگەن، ھىندىستان ئەلچىخانىسى ئىشقا ئارىلاشقاندىن كېيىن ئاندىن قويۇپ بەرگەن.

    ھامىلىنىڭ جىنسىنى تەكشۈرۈش 

    شاھرۇھ خاننىڭ ئۈچىنچى بالىسى ئابرام خان 2013-يىلى تۇغۇلغان، بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن بىر قېتىملىق تاساددىپىي پۇرسەتتە بالىنىڭ جىنسىنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ قالغان بولۇپ، ھىندىستاندا بالىنىڭ جىنسىنىڭ تەكشۈرۈش چەكلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ساقچى دائىرىلىرى بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ تەكشۈرگەن، بۇ ئىش سەۋەبلىك شاھرۇھ خان تۈرمىدە يېتىشقا قىل قالغان.

    گانگۇلى ۋەقەسى

    شاھرۇھ خاننىڭ پىشقان پالاق توپ ماھىرى گانگۇلىينى ئۆزىنىڭ پالاق توپ كوماندىسىنىڭ تۆتىنچى سەييارە مۇسابىقىسىدىن چىقىرىۋېتىشى بەلكىم ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇنىڭ بىلەن شاھرۇھ خاننىڭ ئەڭ سادىق مەستانىلىرىمۇ شاھرۇھ خاننىڭ كوماندىسىغا بولغان قىزغىنلىقىنى يوقاتتى ۋە كوماندىنى بايقۇت قىلدى.

    ئابجىت باتاچاريا بىلەن بولغان جېدەل

    داڭلىق ناخشىچى ئابجىت باتچاريا شاھرۇھ خاننىڭ ئىككى فىلىمى «Main Hoon Na» ۋە «Om Shanti Om» گە ناخشا ئېيتىپ بەرگەن بولۇپ، لېكىن پۇلىنى ئالالمىغان بۇنىڭ بىلەن ئابجىت شاھرۇھ خاننى ئاشكارا ئەيىبلىگەن. شاھرۇھ خان بۇنىڭغا قارىتا سوغۇق ئىپادە بىلدۈرگەن.  

    ئايال ساقچىنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىش  

    شاھرۇھ خان كالكۇتتادا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق مەدەنىيەت بايرىمىدا نومۇر ئورۇنلاۋاتقاندا بىر ئايال ساقچىنى ساقچى كىيىمى بىلەن ئۇسسۇل ئويناشقا سالغانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەنگەن. سىياسىيونلار شاھرۇھ خاننى ھەمدە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان غەربىي بېنگال ئىشتاتىنىڭ باشلىقى بانېرجىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. لېكىن بۇ ئىشتاتنىڭ ساقچى دائىرىلىرى بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان. بەزىلەر بۇنى پەقەت مەيدان كەيپىياتىغا ماسلاشقان نومۇر، ئالدىن پىلانلانمىغان دېگەن.

    قوغدىغۇچىلار بىلەن جېدەللىشىش

    ۋانكخېدى تەنتەربىيە سارىينىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا شاھرۇھ خان بۇنىڭغا كۆنمەي ئۇلار بىلەن جېدەللەشكەن. بۇ سەۋەبلىك شاھرۇھ خان بۇ تەنتەربىيە سارىيىغا كىرىشتىن بەش يىللىق چەكلەنگەن.

    پاكىستان پالاق توپ كوماندىسى

    شاھرۇھ خان پاكىستان پالاق توپ كوماندىسى ھىندىستان پالاق توپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى كېرەك دېگەن گېپى سەۋەبلىك ھىندىستاندىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋە خەلقنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان، بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ فىلىمى «مېنىڭ ئىسمىم خان» بىرقانچە يەردە چەكلەنگەن.

    ھىندىستاننى كەڭچىل ئەمەس دەپ ئەيىبلەش 

    ئامىر خان ھىندىستاننى كەڭچلىك ئەمەس دېگەن سۆزى سەۋەبلىك بەس-مۇنازىرە قوزغىغاندىن كېيىن، شاھرۇھ خانمۇ ھىندىستاندا كەڭچىل بولماسلىق مەسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن شاھرۇھ خان ئامىر خانغا قوشۇلۇپ ئەيىبلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇلارنىڭ مەستانىلىرى ئۇلارنىڭ فىلىمىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېيىنچە شاھرۇھ خان سۆزىنى ياندۇرۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يېڭى فىلىمى «دىلۋالى» بايقۇتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان. 


    نىكاھسىز تۇغۇلغان ئوغلى

    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامىر خاننىڭ ئەنگلىيەلىك يازغۇچى جېسىكا خاينىس بىلەن ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە جائان ئىسىملىك نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى بار ئىكەن. جېسىكا خاينىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئامىر خان فىلىم «Ghulam»نى ئىشلەۋاتقاندا تونۇشقان، بالىسى 2003-يىلى تۇغۇلغان، ئۇ ئامىر خاننىڭ ئەينى ۋاقىتتا بالىنى چۈشۈرىۋېتىشكە قىستىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە ئامىر خاننىڭ بالىغا نىسبەتەن گۇمانى بولسا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ باقسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

    ئىنىسىنى خورلاش

    ئامىر خاننىڭ ئىنىسى فايسال خان ئامىر خاننىڭ ئۆزىنى ئۆيگە قاماپ قويغانلىقى، خورلىغانلىقى ئۈچۈن ئاكىسىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان، فايسال خاننىڭ دېيىشىچە، ئامىر خان ئۇنىڭغا زورلاپ دورا يېگۈزۈپ ئۇنى روھىي كېسەل قىلىپ قويغان ئىكەن. ئىگەللىنىشىچە، ئامىر خاننىڭ دادىسىنىڭ مۈلكىگە يالغۇز مىراسلىق قىلغۇسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنىسىنى روھىي كېسەل قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان.

    كىرەن راۋ بىلەن بولغان ئاشنىدارچىلىق

    ئامىر خاننىڭ رېنا دۇتا بىلەن ئاجرىشىشى بەس-مۇنازىرە قوزغىماي قالمىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئامىر خاننىڭ بىرقانچە قېتىملىق نىكاھتىن سىرتقى مۇناسىۋىتى بولغان بولۇپ، كىرەن راۋ ئەڭ ئاخىرقىسى ئىكەن، كىرەن راۋ ئامىر خاننىڭ تۇرمۇشىغا بۆسۈپ كىرگەندە رېنا دۇتا ئامىر خان بىلەن ياشىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئاجراشقان. ئامىر خان رېنا دۇتا بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن كىرەن راۋ بىلەن توي قىلغان.

    ئامىتاب باچچاننىڭ كىنوسىنى ئەيىبلەش

    2006-يىلى، ئامىر خان ئامىتاب باچچاننىڭ فىلىمفەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسىرى «Black»دە رول ئېلىشنى چەكتىن ئاشۇرىۋەتكەن دەپ ئەيىبلىگەن. بۇنىڭدىن ئاچچىقلانغان ئامىتاب باچچان ئۆزىنىڭ ئۇ فىلىمدە ناھايىتى ياخشى رول ئالغانلىقىنى، رولنىڭ ئامىر خاننىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامىر خان يەنە بۇ فىلىمدە مېيىپ كىشىنى سەلبىي شەكىلدە نامايان قىلغان دەپ ئۇلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامىتاب باچچان ئامىر خاننىڭ فىلىمى Lagaan دىمۇ مېيىپ كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامىر خاننىڭ ئۆزىنى ئەيىبلەش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

    ئىتىغا «شاھرۇھ» دەپ ئىسىم قويغانلىقى

    2008-يىلى، ئامىر خان ئۆزىنىڭ ئەرمەك ئىتىغا دەۋرداش چولپان شاھرۇھ خاننىڭ ئىسمىنى قويغان ۋە بلوگىدا «شاھرۇھ» پۇتۇمنى يالاۋاتىدۇ دەپ يازغان، بۇ ئىش دىققەت قوزغىغاندىن كېيىن ئامىر خان بۇ ئىتنىڭ خىزمەتچىسىنىڭ ئىتى ئىكەنلىكىنى، ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

    ھىندىستاننى كەڭچىل ئەمەس دەپ ئەيىبلەش

    2015-يىلى، بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامىر خان ئايالى كىرەن راۋنىڭ ھىندىستاندا ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلمىغانلىقىنى، كۆچۈپ كېتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ گەپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا زور بەس-مۇنازىرە قوزغاپ كىشىلەر ھەرخىل كۆزقاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىرقانچە سىياسىي پارتىيەلەر بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ، ئامىر خاننى ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە مىننەتدار بولمىغان دەپ ئەيىبلىگەن. بۇنىڭغا قارىتا ئامىر خان بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ باشقا دۆلەتكە كۆچۈپ كېتىش خىيالىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ ھىندىستانلىق بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    تەشۋىقات سۈرەتتىكى يالىڭاچ سۈرەت

    فىلىم «PK»نىڭ تەشۋىقات سۈرىتىدە ئامىر خان قولىدا پەقەت بىر رادىيو تۇتۇپ تۇرغان بولۇپ، بۇ سۈرەت ئېلان قىلىنىش بىلەن بىردەمدىلا قاتتىق دىققەت ۋە زور بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. ئامىر خان بۇ سەۋەبلىك سوتقا تارتىلغان بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغاندەك تۇراتتى، دەرۋەقە سوتمۇ بۇ كىنوچىلىقتىكى يېڭىلىق دەپ قاراپ چەكلەشنى رەت قىلغان.


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ