,يىڭى كىنو تورى ,www.yigifilim.com,www.yigikino.com ,,,基金,护照,黄金,基金开户,基金净值查询,赴美产子,留学,到美国生,3+2留学,投资移民,外贸投资,海外投资,
    ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى- سەردار رەھىمخان
    يوللانغان ۋاقتى:2017-10-20 06:27 مەنبەسى:

    ئىسم فامىلىسى: سەردار رەھىمخان
    ئۆزبېكچە يېزىلىشى:  Sardor Rakhimxon

    ئەسلى ئىسىم فامىلىسى: سەنجەر رەھىموۋ

    ئۆزبېكچە يېزىلىشى: Sanjar Rakhimov

    كەسپى: ناخشىچى

    دۆلەت تەۋەلىكى: ئۆبېكىستان جۇمھۇرىيىتى

    تۇغۇلغان يۇرتى: ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى تاشكەنت شەھىرى

    تۇغۇلغان ۋاقتى: 1981- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى

    سەردار رەھىمخان 1981- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۆزبېكىستان جۇمھۇريىتى تاشكەنت شەھىرىدە تۇغۇلغان. دادىسى مىرئەھمەد رەھىموۋ ۋە ئانىسى مەرغۇبە رەھىموۋا ھەر ئىككىلىسى تاشكەنت شەھرىدىن. 
    سەردار رەھىمخان 1998- يىلى ئۆزبېكىستان تاشكەنت شەھىرىدىكى 150- گىمنازىيەنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن تاشكەنت دۆلەتلىك پەن تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. سەردارنىڭ ئەسلىشىچە ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ناھايىتى كەپسىز ئىكەن، دائىم خوشنىلىرىنى خاپا قىلاغاچقا، خوشنىلىرى ئۇنى تازا ياخشى كۆرمەيدىكەن. ئەمما ئۇ مەكتەپتە ھەر جەھەتتىن ناھايىتى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئوقۇش نەتىجىسى كۆرىنەرلىك ياخشى بولغانىكەن.  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىنى مەڭگۈ ئۇنتالمايدىغان بولۇپ، چۈنكى ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرى دەل ئۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا باشلانغان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ سىنىپىدا گۈلنارە ئىسىملىك ناھايىتى چىرايلىق بىر قىز بار بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم چۈشەنمىگەن بىرەر مەسىلىگە يولۇقسا ئۇنىڭدىن سورايدىكەن، دەرس ۋاقتىدىمۇ دائىم شۇ قىزغا قاراپ ئولتۇرىدىكەن، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ شۇ قىزغا ئاشىق ئىكەن.  

    2002-يىلى سەردار رەھىمخاننىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى جاھانگىر بىلەن بىللە ئورۇنلىغان ئۆزىنىڭ تۇنجى ئىجادىيىتى «Favvora» ناملىق ناخشىسى sezam تېلىۋىزىيە قانىلىدا قويۇلغان. تېلىۋىزوردا قويۇلغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن شۇنداقلا شۇندىن باشلاپ ئۆزبېكىستاندا نام قازىنىشقا باشلىغان.

    كېيىن ئۇ ئۆزبېكىستان تېلىۋېزىيە ئىستانىسىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىر قانچە تېلىۋېزىيە ئېلانىغا چىققان.  شۇنداقلا شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ  كېيىنكى سەھنە ھاياتىغا ئاساس سالغان. ھازىر سەردار رەھىمخان ئۆزبېكىستان جۇمھۇريىتى تەۋەسىدە ھەممە كىشى بىلىدىغان داڭلىق ناخشىچىغا ئايلاندى. 

    سەردارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى مەيلى مۇڭ، مەيلى لىرىك، مەيلى ئۇسۇللۇق ئاممىباب ناخشىلار بولسۇن كەڭ خەلىقنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ مەستانىلىرى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە مەۋجۇت. 

    ئۇنىڭ تۇنجى ئالبومى 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى «سېنى ئاسرىغايمەن» دېگەن نامدا تارقىتىلدى.  

    سەردار رەھىمخاننىڭ ۋەكىل خارەكتېرلىك ناخشىلىرى :
    «پەرياد» (شەبنەم ناملىق فىلىمنىڭ فىلىم ناخشىسى)

    «ئەگەر»

    «دوست»

    «بەختىڭ»

    «مەلىكە»

    «بىر قاراپ»

    «سىنىپداش»

    «ھەرگىز» قاتارلىقلار.


    سەردار رەھىمخاننىڭ ئورۇنلىغان ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ناخشىلار ھەممىلا كىشىنىڭ يۈرەك تارىسىنى چېكىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى ھەممىلا كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان.


    ئۇنىڭ ئورۇنلىشىدىكى لىرىك كۈيلەر ئادەمگە بىر خىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئاتا قىلسا، بەزى ھەسرەتلىك كۈيلىرى ئادەمنىڭ كۆزىدىن ئىختىيارسىز ياش تامچىلىرىنى ئەگىتىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سەردار رەھىمخان كۆپ تەرەپلىمىلىك قالتىس بىر ناخشىچى، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭرىتىدۇ. 


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ