,يىڭى كىنو تورى ,www.yigifilim.com,www.yigikino.com ,,,基金,护照,黄金,基金开户,基金净值查询,赴美产子,留学,到美国生,3+2留学,投资移民,外贸投资,海外投资,
    تالانت سەھنىسىنىڭ رىياسەتچىسى - مېھراي پەتتارنىڭ تەرجىمىھالى
    يوللانغان ۋاقتى:2017-10-20 06:32 مەنبەسى:



    ئىسىم-فامىلىسى: مېھراي پەتتار
    يۇرتى: ئۈرۈمچى
    ئېگىزلىكى: 1.71 مېتر
    ئېغىرلىقى: 55 كىلوگرام
    قىزىقىشى: ساياھەت قىلىش
    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: ياز

    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو چولپىنى : ئەنجىلىنا جۇلى



    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو: تىتانىك
    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك: مېۋە
    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماق: لەڭمەن
    ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كىشى: ئانام


    ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى ۋە ياراتقان ئوبرازى:

    2008- يىلى خەلق سارىيىدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش سەنئەت كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.
    2009-يىلى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپ سىتۇدېنتلىرىنىڭ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.
    2009- يىلى خەلق سارىيىدا جۇڭگو رۇس تىلى يىلى شىنجاڭ رايونى پائالىيىتىدىكى مۇكاپاتلاش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.
    2010- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى بىلەن قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ياپونىيە، كورىيە، گرېتسىيە، دۇبەي قاتارلىق جايلاردىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرىگە قاتناشقان.
    2011- يىلى پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «بېيجىڭدا نورۇز مەشرىپى» چوڭ تىپلىق سەنئەت كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.
    2011- يىلى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
    2012- يىلى تەكلىپ بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
    2012- يىلى ئاقسۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپ تېلېۋىزىيە ئۇنۋېرسال سەنئەت كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ