ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ، ﻛﻮﻣﭙﻮﺯﯨﺘﻮﺭ - ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺳﻪﻣﻪﺕ
    يوللانغان ۋاقتى:2017-10-20 06:52 مەنبەسى:

    ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ، ﻛﻮﻣﭙﻮﺯﯨﺘﻮﺭ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺳﻪﻣﻪﺕ 1971-ﻳﯩﻠﻰ 23-ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﺩﻩ، ﻗﻮﻣﯘﻝ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺋﯩﭽﻰ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻠﯘﻏﯘﻡ ﻣﻪﮪﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﻠﯩﻤﺨﯘﻣﺎﺭ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ.

    ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺗﺎﻻﻧﺘﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﯩﺸﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﻪﻣﺒﯘﺭ ﭼﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻗﯧﺘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻼ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺗﻪﻣﺒﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﻪﮪﻨﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﺩﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﭖ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ«ﺑﺎﻻ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﻰ» ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.

    13 ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ «ﻣﻪﺳﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸىﻠﯩﻚ ﻟﻪﭘﻪﺭ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ، ﺑﯘ ﻟﻪﭘﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ- ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﻪﮪﻨﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﭖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺳﺎﯞﺍﻏﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﮪﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.

    1986-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ 15 ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﻮﺭﻛﯩﺴﺘﯩﺮ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﺳﯩﻨﭙﯩﻐﺎ ﻣﯘﯞەپپەقىيەﺗﻠﯩﻚ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ.

    ﺋﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻛﻪﺳﯩﭙﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﮔﻪﻧﺴﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﯞﻩ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ شۇغۇللىنىشقا ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.

    ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ «ﺧﻮﺵ ﺋﺎﻧﺎ»، «ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﻛﺎﺭﯞﺍﺕ، ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺗﺎﻕ»، «ﺗﺎﻣﺎﻕ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﻮﺷﺎﻕ»، «ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎ»، «ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎ»، «ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

    1990-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﺗﺎﻻﻧﯩﺘﻠﯩﻖ ﻳﺎﺵ ﻧﻮﺗﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﯩﻐﺎ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

    1991-ﻳﯩﻠﻰ 20 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻟﻤﻪﺱ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ «ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﻣﯩﻨﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ» ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯜﺯﺩﻩ ﺑﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﺋﯩﺠﺮﺍﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻟﯩﻨﺘﯩﺴﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ.

    1992- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ. ﮪﻪﻡ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﯩﻨﯩﯔ «ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ»ﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺷﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭﺩﺍ، ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ.

    1993-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2-ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﮪﺎﺩﯨﺴﺴﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﻝ ﭘﯘﺗﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 9- ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻗﻮﻣﯘﻝ ﺩﺍﺭﯨﻞ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﮕﻪ ﻳﯚﺗكىلىپ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ.

    ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻣﯘﻟﻐﺎ ﻳﯚتكىلىپ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻣﯘﻝ ﻣﯘﻗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﯚگىنىش ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭۇﺷﺘﺎ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ

    1994-ﻳﯩﻞ ﻗﻮﻣﯘﻝ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﻯ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻖ ﺋﯜﻧﺌﺎﻟﻐﯘ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﻰ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﯩﻤﻪﻥ» ﻧﻪﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻱ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯧﻠﻪﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭ، ﺋﺎﭘﺮﯨﻨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻳﯘﻧﻐﺎﻥ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.

    ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻪ «ﺳﻪﺭﺳﺎﻥ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﻯ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.

    1995-ﻳﯩﻠﻰ، ﺋﯩﺠﺎﺩﻯ ﺋﯩﺠﺮﺍﺳﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﻣﯩﻨﯘﺗﻠﯩﺮﻯ» ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻗﻮﻣﯘﻝ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﭼﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺗﻪﯕﻜﻪﺵ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ «ﺷﻪﺭﻕ ﻧﺎﯞﺍﺳﻰ»، «ﺋﯚﻟﻤﻪﺱ ﻛﯜﻳﻠﻪﺭ-ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﺱ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﻪﺭ »> ﻛﻪﻳﻨﻰ -ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﯕﻼ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

    ﻛﯩﻼﺳﯩﻚ ﻗﻮﻣﯘﻝ ﻣﯘﻗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ «ﺷﻪﺭﻕ ﻧﺎﯞﺍﺳﻰ» ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺑﯘﻟﯘﯓ- ﭘﯘﭼﻘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﯩﻤﯘ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻖ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﮪﻪﻡ ﺟﻪمئىيەﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻗﻮﻣﯘﻝ، ﻗﻮﻣﯘﻝ ﻣﯘﻗﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯغىلىشىغا ﺳﻪﯞﻩﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

    1996 ﻳﯩﻠﻰ« ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺳﺎﻧﻰ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺭﯦﻜﻮﺭﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺗﺎﻛﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ.

    1996-ﻳﯩﻠﻰ «ﻗﻮﻣﯘﻝ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻪﺯﻣﻪ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﻪﺩﯨﺌﻰ ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﻩ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ «ﺑﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻣﺎﻛﺎﻥ»، «ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﻯ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﭖ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﺗﺎﻻﻧﯩﺘﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﮪﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

    ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﯞﻩ ﺗﯧﻠﯟﯨﺰﻭﺭ ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﺎﻥ«ﺳﺎﻳﺮﺍﯓ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﯘﻡ»، «ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺟﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻳﻼﻧﺴﯘﻥ»، «ﺳﺎﻣﺎﯞﻩﺭ»، «ﻟﯩﻘﺸﯩﭗ ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯗ ﻳﯜﺭﻩﻙ»، «ﺋﯚﺭﮔﯜﻟﺪﻯ ﭘﻪﻟﻪﻙ»، «ﺋﺎﻧﺎﺭﺧﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨﻢ ﺩﻭﺳﺖ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﻳﻨﻰ -ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.

    1997-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺋﯩﺠﺎﺩﻯ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺗﻮﭘﻼﻡ <<ﺗﺎﺭﯨﻢ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﯞ ﺱ ﺩ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺳﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ «ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﻣﯩﻨﯘﺗﻠﯩﺮﻯ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ.

    1997-ﻳﯩﻠﻰ «ﺑﺎﮪﺎﺭﯨﻢ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﯩﻨﻰ، 1998-ﻳﯩﻠﻰ «ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﻛﺎﻥ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ.

    2000-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺳﻪﻣﻪﺕ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯩﯖﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ كېچىلىكى ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، ﺷﯘ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ «ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺳﻮﯞﻏﯩﺴﻰ»، «ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞ ﺱ ﺩ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﮪﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ.

    ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯگىچىلىكى ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ گېزىتى»، «ﻗﻮﻣﯘﻝ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ » ﮊۇﺭﻧﯩﻠﻰ، «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ» ﮊۇﺭﻧﯩﻠﻰ، «ﺗﻪقدﯨﺮﺩﺍﺵ» ﮊۇﺭﻧﯩﻠﻰ، «ﻗﻮﻣﯘﻝ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﻣﯩﺠﯩﺖ ﻧﺎﺳﯩﺮ، ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ، ﺳﻪﻣﻪﺕ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﻗﯘﭼﯩﻐﯘﻥ، ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺳﯩﺪﯨﻖ، ﺋﺎﻳﺠﺎﻣﺎﻝ ﮔﺎﺳﯩﻞ، ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺕ ﻣﻪﺭﺩﺍﻥ ، ﮪﺎﯞﺍﮔﯜﻝ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭ ﻛﻪﻳﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﯞﻩ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺑﺎﮪﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ تېلېۋﯨﺰﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﻪﺕ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻗﺎﻧﯩﻠﻰ، «ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﻛﯜﻳﻠﯩﺮﻯ» ﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺳﻪﻣﻪﺗﻨﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ «ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻪﺩﻩﻡ» ﭘﯩﺮﻭﮔﯩﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ «ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﻣﯩﻨﯘﺗﻠﯩﺮﻯ» ﺩېگەﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.

    2006-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺳﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﮪﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﻮﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﻗﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ «ﭼﻮﻏﻼﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ»ﺩﻩ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.

    ﻳﻪﻧﻰ 2006-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ1-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺭﺍﺗﯜﺭﻙ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﯨﺘﯩﻐﺎ ﺩﺍﯕﻘﻰ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺋﻪﻝ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮪﻪﻡ ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻜﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ «ﺋﺎﺭﺍﺗﯜﺭﻙ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺋﺎﺭﺍﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﻪﯞﻩﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﯩﺘﻜﻪ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﺱ ﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯧﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﭖ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

    2007-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺳﻪﻣﻪﺕ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯜﻥ- ﺳﯩﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ «ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﯩﻤﯩﺰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ تېلېۋﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺴﺴﻰ ئۇﻧﯟېرﺳﺎﻝ ﻗﺎﻧﯩﻠﻰ «ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﮔﯜﻟﺰﺍﺭﻯ ﭘﯩﺮﻭﮔﯩﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ» ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

    2006-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 2008-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ، ﻗﻮﻣﯘﻝ ﻧﺎﺧﺸﺎ -ﺋﯘسسۇﻝ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﮪﻪﻡ ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ، ﻗﻮﻣﯘﻝ ﻣﯘﻗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﯞﺍﺯﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺮﻟﯩﻖ ﺗﺎﻻﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

    ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺳﻪﻣﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮪﻪﻡ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﺋﯧﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻣﯘﻗﺎﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﮪﻪﻡ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﭼﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

    ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺳﻪﻣﻪﺕ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺕ ﯞﻩ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮊﺍﻧﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ، 80ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﮊﺍﻧﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﺧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﻪمئىيەﺗﻜﻪ ﺳﯘﻧﺪﻯ.«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﯩﻤﻪﻥ»، «ﺳﻪﺭﺳﺎﻥ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ»، «ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﻣﯩﻨﯘﺗﻠﯩﺮﻯ»، «ﺷﻪﺭﻕ ﻧﺎﯞﺍﺳﻰ»، «ﺋﯚﻟﻤﻪﺱ ﻛﯜﻳﻠﻪﺭ-ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﺱ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﻪﺭ»، «ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ»، «ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﻛﺎﻥ»، «ﺑﺎﮪﺎﺭﯨﻢ»، «ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺳﻮﯞﻏﯩﺴﻰ»، «ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ»، «ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺕ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﺎﭘﻠﯩﻖ ﺋﯜﻧﺌﺎﻟﻐﯘ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﻰ ﮪﻪﻡ ﯞ ﺱ ﺩ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﺋﯚﺯﻯ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺮﻟﯩﻖ ﺗﺎﻻﻧﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮪﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻛﻪﻣﺪﯨﻦ-ﻛﻪﻡ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻏﺎﻥ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﮪﺎﻳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﯩﻠﻨﻰ ﻳﯩﺘﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﺵ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.

    ﺋﯘ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﭺ ﻗﻮﻣﯘﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﺧﺘﺎﯞﯨﺴﯩﺰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ...


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ