كۆپ قىرلىق يېتىلىۋاتقان سەنئەتكار - دىلارە ئابدۇشۈكۈر
    يوللانغان ۋاقتى:2017-10-20 06:57 مەنبەسى:


    ئىسىم-فامىلىسى: دىلارە ئابدۇشۈكۈر

    تۇغۇلغان ۋاقتى: 1982-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى

    مىللىتى: ئۇيغۇر

    خىزمەت ئورنى: ئۈرۈمچى كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى

    ئېگىزلىكى: 162 سانتىمېتىر

    ئېغىرلىقى: 55 كىلوگىرام

    يۇرتى: ئۈرۈمچى

    ئائىلە ئەزالىرى: يولدىشىم، ئوغلۇم، قىزىم

    مۆچىلى: ئىت

    قان تىپى: A

    ئالاھىدىلىكى: دىكتور-رىياسەتچىلىك، يېزىقچىلىق، ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش

    ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس

    قىزىقىشى: رېژىسسورلۇق، ئوپېراتورلۇق

    نىكاھ ئەھۋالى: 2005-يىلى تۇرمۇش قۇرغان



    ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: كۈز

    ياخشى كۆرىدىغان ھايۋان: ئات

    ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: ئاق رەڭ، كۆك رەڭ

    ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، سەنۇبەر تۇرسۇن، پەرىدە مامۇت

    ياخشى كۆرىدىغان كىنو چولپىنى: ئارزىگۈل ئابدۇرېشىت، ئەنجىلىنا جۇلى

    ياخشى كۆرىدىغان ئېتوت چولپىنى: خەيرىگۈل ھەسەن، ئامىنە ئابلا، خالمۇرات ئۆمەر

    ياخشى كۆرىدىغان ناخشىسى: خەلق ناخشىلىرى



    ياخشى كۆرىدىغان تامىقى: پولو، كاۋاپ

    ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك: ئاپلېسىن؛ شاكىلات

    ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كىشى: ئاتا-ئانام

    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىش: ناخشا ئېيتىش

    بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان جاي: فىرانسىيە

    ياخشى كۆرىدىغان ئەسەر: ئانا يۇرت، جاللات خېنىم

    ياخشى كۆرىدىغان دوست-بۇرادەرلىرى: قەدىرلىك دوستلۇرۇم

    ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە: ئىككى پەرزەنتىمنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقان ۋاقتى



    مۇۋەپپەقىيەتلىرى:

    دىلارە ئابدۈشۈكۈر، 1982-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1989-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1994-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا ھەر خىل ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ۋە ھەر قېتىملىق ئۆسمۈرلەر كېچىلىكلىرىدە «ناۋا مۇقامى»، «سۈزۈك سۇ»، «چېچەكلەر»، «ئەتىرگۈل»، «تارىم غۇنچىلىرى» قاتارلىق بالىلار ناخشىلىرىنى ئېيتىپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. 1995-يىلى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە ناۋا مۇقامىنى ئورۇنلاپ 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن. 97-، 98-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر «مەكتەپ لوڭقىسى» ناخشا مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغان. 2000-يىلى 14-ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىر فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە «دانىشىمەن نەسىردىن ئەپەندى»، «ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماڭ»، «قايتىلانغان سۆيگۈ» قاتارلىق فىلىملاردا رول ئالغان. 2004-يىلى «شېرىنجان» ناملىق VCD پىلاستىنكىسى بازارغا سېلىنغان. ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك رادىيو-كىنو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەرجىمە مەركىزىدە ئاۋاز ئارتىسلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ.

     


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ