داڭلىق رىياسەتچى نازىگۈل تۇرسۇنجان
    يوللانغان ۋاقتى:2017-10-20 06:56 مەنبەسى:



    ئىسىم-فامىلىسى: نازىگۈل تۇرسۇنجان
    يۇرتى: ئۈرۈمچى
    ئوقۇش تارىخى: ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس
    تۇغۇلغان ۋاقتى: 1983- يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى
    قان تىپى: AB
    قىزىقىشى: ساياھەت، پىيانىنو چېلىش، يېزىقچىلىق
    ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: ئاق، يېشىل رەڭ
    ياخشى كۆرىدىغان رىياسەتچى: نې پىڭ




    ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتىپى: شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى
    ھازىرقى خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلى «تەڭرىتاغ كۈيلىرى» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى
    ئوقۇش ئەھۋالى: 1989- يىلدىن 1995- يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان.
    1995- يىلدىن 2000- يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان.


     



    ئېگىزلىكى: 172 سانتىمېتىر
    ئېغىرلىقى: 57 كىلوگرام
    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: كۈز پەسلى
    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە پائالىيىتى: سۇ ئۈزۈش
    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چالغۇ: ئىسكىرىپكا، گىتار، پىيانىنو
    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جاي: ئۆيۈم
    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشا چولپىنى: مۆمىنجان ئابلىكىم، ئازادبېك
    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو: سىرلىق كارۋان
    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو چولپىنى: تۇرسۇنجان زۇنۇن
    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تامىقى: پولۇ، لەڭمەن، شورپا
    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكى: شاكىلات
    ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم: دادام
    ياقتۇرمايدىغان يېمەكلىك: پىياز
    ھايات يىغىندىسى: سەبىرنىڭ تېگى ئالتۇن



    ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرى:
    2000- يىلدىن 2004- يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىدە ئوقۇغان.
    2000-2001-يىلى مەكتەپنىڭ 2- دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2001 - 2002- يىلى ئىنگلىزچە - خەنزۇچە قوش تىلدا دېكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسىدا 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2001 - 2002- يىلى مەكتەپنىڭ 1- دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2002 - 2003- يىلى دۆلەتنىڭ 1- دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2002 - 2003- يىلى مەكتەپنىڭ 2- دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004- يىلى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ستۇدېنت دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 2004- يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىتانسىسى ئۇيغۇرچە ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلى ئۆتكۈزگەن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشتىن سىرتقى ياش ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «مايتاغ نېفىت - خىمىيە سانائىتى لوڭقىسى» تېلېۋىزىيەدە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە رىياسەتچىلىك قىلغان.




    شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ «مەدەنىيەت بوستانى»، «تەڭرىتاغ كۈيلىرى»، «تەلەي يۇلتۇزى»، «ئېكران» قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ رىياسەتچىلىكى، «ئابدۇكېرىم ئابلىز ئېتوت كېچىلىكى» نىڭ رىياسەتچىلىكى، تۇنجى نۆۋەتلىك پايتەختىمىز بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «بېيجىڭدا نۇرۇز» كېچىلىكىنىڭ رىياسەتچىلىكى، «ئازادبېك نەزەربېكوۋ»، «يۇلتۇز ئوسمانوۋا» لارنى ئۈرۈمچىدىكى يالغۇز كىشلىك ناخشا كېچىلىكىنىڭ رىياسەتچىلىكى، كۆپلىگەن روزى ھېيت، قۇربان ھېيىت، نورۇز، ھەرخىل بايراملىق كېچىلىكلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىنى قىلىپ ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن.


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ