رىياسەتچى ھىدايەتقىز شەمشىدىننىڭ تەرجىمىھالى ۋە سۈرەتلىرى
    يوللانغان ۋاقتى:2017-10-20 07:20 مەنبەسى:


     ئىسىم-فامىلىسى: ھىدايەتقىز شەمشىدىن
    تۇغۇلغان ۋاقتى: 1986- يىلى 4- ئاينىڭ 6- كۈنى
    مىللىتى: ئۇيغۇر
    خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئىقتىساد–تۇرمۇش قانىلى
    ئېگىزلىكى: 165
    ئېغىرلىقى: 54 كىلوگىرام
    يۇرتى: قەشقەر شەھىرى
    ئائىلە ئەزالىرى: يولدىشىم، ئوغلۇم
    مۆچىلى: يولۋاس
    قان تىپى:   A تىپ
    ئالاھىدىلىكى: دىكتور-رىياسەتچىلىك، يېزىقچىلىق، ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش
    ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس
    قىزىقىشى: رىياسەتچىلىك قىلىش، ماقالە يېزىش، ئۇسسۇل ئويناش
    نىكاھ ئەھۋالى: 2010- يىلى تۇرمۇش قۇرغان
    ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: ياز
    ياخشى كۆرىدىغان ھايۋان: مۈشۈك
    ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: ھاۋا رەڭ، سېرىق رەڭ
    ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
    ياخشى كۆرىدىغان كىنو چولپىنى: پەرىزات غېنى، ئەنجىلىنا جۇلى
    ياخشى كۆرىدىغان ئېتوت چولپىنى: ئابدۇكېرىم ئابلىز
    ياخشى كۆرىدىغان ناخشىسى: ئۆزبېكچە ناخشىلار
    ياخشى كۆرىدىغان تامىقى: گۈرۈچ تامىقى
    ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك: تاۋۇز، ئۈزۈم
    ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كىشى: ئاتا-ئانام
    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىش: ماقالە يېزىش
    بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان جاي: پارىژ
    ياخشى كۆرىدىغان ئەسەر ياكى ئىجادىيەت: مېيىپ ئەرنىڭ تۇرمۇش كەچۈرمىشى تەسۋىرلەنگەن «مېھىرلىك كۆڭۈل» ناملىق فىلىم
    كەسپى: دىكتور- رىياسەتچىلىك


    ھىدايەتقىز شەمشىدىن 1986- يىلى 4- ئاينىڭ 6- كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1992- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە قەشقەر شەھىرىدە باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 2005- يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى كىنو-تېلېۋىزىيە، تىياتىر فاكۇلتېتىنىڭ دىكتور- رىياسەتچىلىك كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 2010- يىلى تولۇق كۇرس كەسپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. 2010- يىلى 11- ئايدا، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ئۇيغۇرچە <ئىقتىساد تۇرمۇش> قانىلىغا خىزمەتكە چۈشكەن. خىزمەتكە چۈشكەن دەسلەپكى بىر يىل ئىچىدە ئىقتىساد تۇرمۇش قانىلىنىڭ <خانىم-قىزلار> پىروگراممىسىدا ئاپتورلۇق ھەم مۇخبىرلىق خىزمىتىنى ئۆتىگەن. 2012- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ، ئىقتىساد-تۇرمۇش قانىلىنىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان <ئىستېمال ۋە ساغلاملىق> پىروگراممىسىدا رىياسەتچىلىك ھەم ئاپتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.


    ھىدايەتقىز شەمشىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپلا ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 2004- يىلى شىياڭگاڭ، بېيجىڭ، تەيۋەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن <بەيشى كولا> نىڭ ئېلانىغا چىققان. شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە، مەكتەپتىكى مۇزىكا كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 2007- يىلى گۇيجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. 2011- يىلى گۈيياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. 2014- يىلى 3- ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە مەكتىپىدىكى مەخسۇس كۇرس دىكتور-رىياسەتچىلىك سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا <دىكتور-رىياسەتچىلىك ئەمەلىي مەشىقى> دەرسىنى بېرىۋاتىدۇ. ھەمدە، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن <ئوكيان> ئېلان چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن <گۈزەللىك سىزدە> پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. ئۇ يەنە يىڭى يىللىق، ھېيتلىق ۋە نورۇزلۇق كېچىلىكلەرنىڭ ھەمدە تالانت سەھنىسىنىڭ  رىياسەتچىلىكىنى قىلىپ خەلقنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ