,يىڭى كىنو تورى ,www.yigifilim.com,www.yigikino.com ,,,基金,护照,黄金,基金开户,基金净值查询,赴美产子,留学,到美国生,3+2留学,投资移民,外贸投资,海外投资,
    ھىندىستاننىڭ داڭلىق چولپانلىرى قايسى مىللەتتىن؟
    يوللانغان ۋاقتى:2017-10-20 07:28 مەنبەسى:

    ھەممىمىز بىلىمىز، ھىندىستان دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ھىندىستاندا نوپۇس كۆپ بولۇپ قالماي يەنە مىللەتمۇ كۆپ، چوڭ كىچىك مىللەتلەردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق  مىللەت بار، ھەرقايسى مىللەتلەردە ئۆز ئارا ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ۋە توي قىلىش خېلى ئومۇملاشقان. بىر مىللەت نەچچە خىل دىنغا ئېتقاد قىلىدىغان شۇنداقلا بىر دىنغا كۆپ خىل مىللەت تەڭ ئېتقاد قىلىدىغان ئەھۋاللار خېلى كۆپ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ مىللەت قۇرۇلمىسى ناھايىتى ئۆزگىچە.

    بوللىۋود ھىندىستاننىڭ مىللەت ۋە جەمئىيەت ئالاھىدىلىكىنى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ، بوللىۋودتىكى خېلى كۆپ چولپانلار بولۇپمۇ فىلىم جەمەتىدىن كېلىپ چىققان چولپانلاردا بىر نەچچە مىللەتنىڭ قېنى بار، بۇ بىر جەھەتتىن ھىندىستاندىكى مىللەتلەر ئارا يېقىن ئالاقىنىڭ كۈچلۈكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرسە، لېكىن يەنە بىر جەھەتتىن ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ فىلىم مەركىزى بولغان بوللىۋود پەقەت بىرقانچە مىللەتنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، بولۇپمۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بوللىۋود ئەمەلىيەتتە «پەنجاپلارنىڭ بوللىۋودى». بۇ ھىندىستاندىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى قاپلىغان مونۇپۇللۇق ۋە چەكلىملىكىنىڭ بىر جانلىق ئىپادىسى. 

    تۆۋەندە بوللىۋودنىڭ ھەرقايسى داڭلىق چولپانلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى بېرىلدى، بۇ تىزىملىكتە يوق چولپانلار بولسا مىللەت تەۋەلىكىنى ئېنىق دەلىللىگىلى بولمايدىغانلار.



    1. شاھرۇھ خان

     پۇشتۇ، پاكىستان پىشاۋۇرلۇق پۇشتۇ

    تېخىمۇ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، شاھرۇھ خاننىڭ سۆزى بويىچە: «يېرىم ھەيدەرئابادلىق، يېرىم پۇشتۇ ھەمدە ئازراق كەشمىرلىك».

    شاھرۇھ خاننىڭ ئايالى گورى خان بولسا پەنجاپ مىللىتىدىن بولغان ھىندى دىنى مۇرتى.



    2. ئامىر خان

    پۇشتۇ مىللىتى



    3. ئاشۋارىيا راي باچچان

    تۇلۇ مىللىتىدىن، تۇلۇ مىللىتى بولسا ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى 10 مىليون نوپۇسقا ئىگە مىللەت.



    4. رىتىك روشان

    پەنجاپ مىللىتى، دادا تەرەپ مومىسى بېنگال مىللىتىدىن

    رىتىك روشاننىڭ ئىلگىرىكى ئايالى سۇزەن خان بولسا پۇشتۇ-پارس ئارىلاش قان



    5. دېپىكا پادۇكون

    كونكانى مىللىتى



    6. ئاجەي دېۋگان

    پەنجاپ مىللىتى



    7. كاجول

    ئاپىسى ماراتى مىللىتىدىن، دادىسى بېنگال مىللىتىدىن



    8. ئاكشاي كۇمار

    پەنجاپ مىللىتى



    9. مادۇرى دىكشىت

    ماراتى مىللىتى



    11. جون ئابراھام

    دادىسى مالايالى مىللىتىدىن، ئاپىسى پارس مىللىتىدىن بولغان زوروئاستىر دىنى مۇرتى.


    12. تايگىر شىروف 

    تۆت مىللەتنىڭ قېنى بار. دادىسى جەكى شىروف ئۇيغۇر-گۇجارات ئارىلاش قان، ئاپىسى ئايىشە فرانسۇز-بېنگال ئارىلاش قان.



    13. رانۋېر سىڭ

    سىندى مىللىتى



    14.مىتۇن چاكرابورتى

    بېنگال مىللىتى



    15. سەيف ئەلى خان

    دادىسى پۇشتۇ مىللىتى، ئاپىسى بېنگال مىللىتىدىن    


    16. راج كاپور جەمەتى

    بۇ جەمەت پەنجاپ مىللىتىدىن. جەمەت ئەزالىرى ئىچىدە كارېننا كاپور، كەرىشما كاپورلارنىڭ ئاپىسى بابىتا سىندى مىللىتىدىن.



    17. سرىدېۋى

    تامىل ۋە تېلېگۇ مىللىتى



    18. شىلپا شىتتىي

    تۇلۇ مىللىتىدىن يەنى ئاشۋارىيا بىلەن ئوخشاش مىللەت. بوللىۋودتىكى بارلىق شىتتىي فامىلىكلەرنىڭ ھەممىسى تۇلۇ مىللىتىدىن



    19. ئانىل كاپور باشچىلىقىدىكى كاپور جەمەتى

    فامىلىسى تىپىك پەنجاپچە فامىلە لېكىن بىر زىيارەتتە ئانىل كاپور ئائىلسىنىڭ پاكىستان پېشاۋۇرلۇق پۇشتۇ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.



    20. كاترىنا كەف

    ئاپىسى ئىنگلىز ، دادىسى كەشمىرلىك



    21. ئادىتيا روي كاپور

    دادىسى پەنجاپ، ئاپىسى ھىندىستانلىق يەھۇدىي



    22. شىرىدھا كاپور

    دادىسى پەنجاپ، ئاپىسى ماراتى



    23. ۋىديا بالىن

    تامىل مىللىتى



    24. ئالىيە بات

    دادىسى گۇجارات مىللىتىدىن، ئاپىسى كەشمىر ۋە گېرمان ئارىلاش قان.



    25.سىدسارس مالوترا

    پەنجاپ مىللىتى



    26. ۋارۇن داۋان

    پەنجاپ مىللىتى



    27. ئۇرمىلا ماتوندىكار

    ماراتى مىللىتى




    28. ئامېشا پاتېل

    گۇجارات مىللىتى



    29. كاجال ئاگاراۋال

    پەنجاپ مىللىتى



    30. پرىيانكا چوپرا

    پەنجاپ مىللىتى



    31. رانى مۇكەرجى

    بېنگال مىللىتى



    32. جايا باچچان

    بېنگال مىللىتى



    33. سانجاي دۇت

    ئاتا-ئانىسى سانىل دۇت ۋە نەرگىس دۇت ئىككىلىسى پەنجاپ مىللىتىدىن



    35. سالمان خان

    دادىسى پۇشتۇ مىللىتىدىن، ئاپىسى ماراتى مىللىتىدىن



    36. كانگانا رانائۇت

    راجپۇت



    37.  دارمىندرا دېئول

    درامىندرا دېئول، ھېما مالىنى بولسا  تامىل مىللىتىدىن



    38. رېيكا

    دادىسى تامىل، ئاپىسى تېلېگۇ



    39. ئارجۇن رامپال

    پەنجاپ مىللىتى، ئانا تەرەپ مومىسى گوللاندىيەلىك

    فامىلە جەھەتتىن قارىغاندا، كاپور فامىلىكلەر ئاساسەن پەنجاپ مىللىتىدىن، يەنە خاننا، چوپرا، مالوترا قاتارلىقلارمۇ پەنجاپ مىللىتىدىن. پەنجاپلار كۆپىنچە ھىندى دىنىغا ياكى شىك دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ. خان فامىلىكلەر تېگى ئافغانىستانلىق پۇشتۇلار، دۇتا ياكى دۇت فامىلىكلەر پەنجاپ ياكى بېنگال مىللىتىدىن. 


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ