ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى - زىيادە قابىلوۋا
    يوللانغان ۋاقتى:2017-10-20 07:23 مەنبەسى:



    تولۇق ئىسمى: زىيادە ئۆتكىروۋنا قابىلوۋا
    تۇغۇلغان ۋاقتى: 1989-يىل 1-ئاينىڭ7- كۇنى
    تۇغۇلغان يۇرتى:  ئۆزبېكستان تاشكەنت شەھىرى
    نىكاھ ئەھۋالى: توي قىلغان، بىر ئوغلى بار
    يولدىشى: ئەلدار



    زىيادە بالىلىقىدىن يۇلدۇز ئوسمانوۋانىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن «ھەمزە» مۇزىكا كۇرسىغا، كېيىن ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ ئوقۇيدۇ. زىيادەنى تۇنجى بولۇپ «ھەي لەيلى» ناملىق ئىجادىيىتى ئالقىشلاندۇرغان. كېيىن «سۆيمىگەنمەن»، «تىنچ قوي» قاتارلىق ناخشىلىرىمۇ كەينى-كەينىدىن ئالقىشلارغا ئېرىشكەن؛
    ھازىرغىچە زىيادەنىڭ «سۇپېر كېلىنچەك»، «دىلدا بەخت تولا» ۋە «يۈرەگىمسەن» ناملىق ئالبوملىرى نەشىر قىلىندى. 



    2007-يىلى «ئەڭ ياخشى ئايال ناخشىچى» بولۇپ باھالانغان، 2008-يىل «نىھال» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىرغىچە ئايبېك ئالىموۋ، «بوجەلەر» گۇروھى، سىراجىددىن ھاجىيېۋ، «فەز» گۇروھى، «رادىئۇس-21»، دەۋران ئەرگەشېۋ، ئاتەبېك مۇتەلخوجەيېۋ، ئەلىشېر ئۇزاقوۋ ۋە سەمەندەر ھەمراقۇلوۋلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ناخشا ئېيتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرت زىيادە ئۆزبېك مىللىي كىنو فىلىملىرىدىن جەسۇر شەمېتوۋنىڭ «ئۇچرىشىش»، جاھانگىر پازىلجانوۋنىڭ «بايۋەتچە»، «نۇرتاي»، «بىكارچىلەر ماكانى»، جەۋلان شادمانوۋنىڭ «ئىنىك ئانىلار» ۋە «كىچىككىنە خوجايىن»، «ئىجارىچىلەر» قاتارلىق فىلىملىرىدە رول ئېلىپ ئۆزبېك خەلقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە؛

     






كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ