ھىندىستاندىكى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ گۈزەل ئايال چولپانلار
    يوللانغان ۋاقتى:2017-10-20 08:09 مەنبەسى:

    ھەممىمىزگە مەلۇم ھىندىستاندا گۈزەل ئارتىسلار ئاز ئەمەس، بۈگۈن تاماشا ساھەسىدىن بارا-بارا چېكىنىپ چىقىۋاتقان، ھىندىستان كىنوچىلىقىدا ئۆلمەس ئوبرازلارنى ياراتقان پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ئايال چولپانلارنى تونۇشتۇرىمىز..


    (ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىپى چولپانلارنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، مەستانىلەرنىڭ چۈشىنىشىنى سورايمىز، تەرجىمە ئەسەر تەھرىردە گۇناھ يوق)



    سېردىۋىي


       بوللىۋودنىڭ ئايال خانىشى ئۇنىڭ ئامىتا باچچان بىلەن رول ئالغان كىنولىرى ھازىرمۇ كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق.


     

    مەدھۇرى دېكشىت


         ھىندىستاندىكى ئۇسۇل خانىشى دەپ ئاتالغان ھەمدە كىنو ناخشىسىنى ئۆزى ئېيتىدىغان چولپان، ئۇنىڭ لەرزان ئۇسسۇلى يېقىملىق ئاۋازى، ئىللىق كۈلۈمسىرىشى ئادەمگە زوق بەخش ئېتىدۇ؛



    جۇخى چاۋالا


         ئۇنى ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ خانىشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ، كۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرى، مۇلايىم تەققى-تۇرقى، فىلىم ئىشلەشتىكى كەسىپچانلىقى ھەممىنى قايىل قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇ گىرىم سەنئىتى ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلمىغان شارائىتتا دەۋر سۈرگەن بولۇپ ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل.


    رانى موكارجى


         قارىماققا ئادەمنى جەلپ قىلغۇدەك تەڭداشسىز گۈزەل بولمىسىمۇ، ئەمما قارىغانسېرى كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ ھەم رول ئېلىش ماھارىتىمۇ ئۈستۈن.


    كاجول


          ھەقىقىي ھىندىستان خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان چولپان «ھىندىستانلىقلارنىڭ تېرىسى قارا» شۇڭا ھىندىستانلىقلار ئۇنى ھىندى گۈزىلى دەپ ئاتايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەرقانداق رولنى چىن ھېسسىيات بىلەن ئالىدۇ.


    پىرىتي زىنتا


         بۇ ئىسىم چىقىشى بىلەنلا ھەممە ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا بىرجۈپ ئوماق زىنىقى بار كۈلۈپلا تۇرىدىغان گۈزەل قىز نامايەن بولىدۇ.



    ئايشىۋارىيا راي


          دۇنيا گۈزىلى ئايشىۋارىياغا ئارتۇق گەپ كەتمەيدۇ، ئۇ بالا تۇغقاندا ھىندىستان خەلقى ئۇنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنىڭ سەتلىشىپ كېتىپ ھىندىستاننىڭ يۈزىنى تۆككەنلىكى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى، ئۆزىگىمۇ ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى بىلىۋاغىلى بولىدۇ.


    كارىننا كاپور


           قېرىماس چولپان كارىننا ھىندىستاننىڭ تەنناز گۈزىلى، ئۇ ئۆزىدىن نەچچە ئون ياش كىچىك ئەر چولپانلار بىلەن رولغا چىقسىمۇ چېنىپ قالمايدۇ.


    بىپاشا باسۇ


    ئۇمۇ تەنناز ئايال چولپانلارنىڭ بىرى ھەمدە ۋەھىمىلىك كىنولارنىڭ خانىشى


    ئامىشا پاتىل


    غۇنچە بوي ئامىشانىڭ تاتلىق كۈلكىسى كىشىگە ئىنتايىن يېقىملىق تەسىر بېرىدۇ، بوللىۋودنىڭ كونا ئايال ئارتىسى


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ