ئۆزبېكىستانلىق سەنئەتكار- مەنزۇرە بىلەن تونۇشۇڭ
    يوللانغان ۋاقتى:2017-10-20 08:47 مەنبەسى:


    ئىسىم فامىلىسى: مەنزۇرە مۇبارەكېۋا 

    دۆلەت تەۋەلىكى: ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيتى

    مىللىتى: ئۆزبېك

    تۇغۇلغان يۇرتى: ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيتى تاشكەنت شەھىرى

    تۇغۇلغان ۋاقتى: 1978-يىلى 21-فېۋرال

    كەسپى: ناخشىچى، ئاكتىيور

    1978-يىلى رەسسام مۇبارەك ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن مەنزۇرە، بەش ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغان. يەنى بەش ياش ۋاقتىدا ئۇ ئوقۇۋاتقان يەسلىدە بىر قېتىملىق چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مەنزۇرەنىڭ سىنىپ مۇدىرى مەنزۇرە ۋە مەنزۇرەنىڭ سىنىپداشلىرىغا بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتكە ھەر بىر ساۋاقداشنىڭ چوقۇم بىردىن نومۇر تەييارلاپ كېلىشى زۆرۈرلىكىنى، پائالىيەتتىن كېيىن كىمنىڭ تەييارلىغان نومۇرى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشسە، شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەنزۇرە ئۆيىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ چوقۇم مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ياخشى تەييارلىق قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتقان. شۇنداق قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى ئاستىدا ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن مەنزۇرە بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ۋە سەرخىل نومۇرلىرى بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ۋە مۇكاپاتلانغان. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى رەسمى ھالدا باشلانغان. 

    كېيىن ئۇنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى بايقىغان ئاتىسى دوستى كەرىم ھاجى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، مەنزۇرەنى ئۇسپېنىسكىي (каннский) نامىدىكى سەنئەت مەكتىپىگە ئوقۇشقا بەرگەن. ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن مەنزۇرە تېرىشىپ ئوقۇپ، كېيىنچە شۇ مەكتەپتە كۆزگە كۆرۈنگەن رويال ئۇستىسى بولۇپ يېتىشىپ چىققان. كېيىن سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى «Neymer» ئوركىستېر زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە تېخى مەكتەپ پۈتتۈرمىگەن مەنزۇرە «Karubina» دىراممىسىدىن ئارىيە ئويناپ، پۈتۈن زالدىكىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرغان. شۇ پەيىتتىن باشلاپ مەنزۇرە ئۆزىدە باشقىچە بىر خىل يوشۇرۇن كۈچنىڭ بارلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئالغا ئىنتىلىپ توختىماي تىرىشىشى زۆرۆرلىكىنى تونۇپ يەتكەن.  

    1996-يىلى مەنزۇرە ھەدىسى نىگىنە ۋە دوستى نەرگىزە بىلەن بىرلىشىپ سېبانۇ «Sebonu» گۇرۇھىنى قۇرۇپ چىققان ۋە شۇ يىلى ئۇستاز سەنئەتكار رۇشەن زاكىروۋنىڭ باشچىلىقىدا ئىككى ئىجادىي ناخشىسى بىلەن شۇ يىلى ئۆزبېكىستان جۇمھۇريىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «Ofarin-96» ناخشا-مۇزىكا كۆرىكىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. بۇنداق زور نەتىجە مەزكۇر گۇرۇھتىكى بارچە ئەزالارنى قايتىدىن ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلغان. شۇ يىلى، يەنى 1996-يىلى مەنزۇرە ئۇسپېنىسكىي نامىدىكى مۇزىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىك سەنئەت-مۇزىكا ئۇنۋېرسىتىتىغا كىرىپ ئوقۇشىنى داۋام ئەتكۈزگەن.  

    1997- يىلىغا كەلگەندە «Bisko-biznes» سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى سېبانۇ گۇرۇھىغا زور ياردەم بەرگەن. يەنى، سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى مۇھىددىن قەمەردىنوۋنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۇلار ئۆزىنىڭ تۇنجى پىلاستىنكىسى «يالغۇزۇم» نى ئېلان قىلىپ تارقاتقان. ئەينى ۋاقىتقا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ پىلاستىنكىنىڭ مەزمۇنى پۈتۈنلەي يېڭىچە تۈسكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ناھايىتى تېزلا كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇىشىغا ئېرىشكەن. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن مەنزۇرەنىڭ سېبانۇ گۇروھى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى پىلاستىنكىسى «مەن سېنى سۆيىمەن» نى ئېلان قىلىپ، يەنە بىر قېتىم زور داغدۇغا قوزغىغان.  

    2000-يىلى گۇرۇھ تەركىبىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. يەنى شۇ ۋاقىتلاردىكى گۇرۇھ ئەزاسى، گۇرۇھ قۇرغۇچىلاردىن بىرى شۇنداقلا مەنزۇرەنىڭ ھەدىسى نىگىنە مەلۇم بىر كارخانىغا ئىشقا چۈشكەنلىك سەۋەبى بىلەن گۇروھدىن ئايرىلغان. بۇ گۇرۇھ ئۈچۈن چوڭ بىر يوقۇتۇش بولۇپ، كېيىنكى كۈنلەردە گۇرۇھ تارقىلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن مەنزۇرە سەنئەتكار رۇستەم سەئىدېيىۋنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۆزىنىڭ يەككە ئىجادىيىتىنى باشلىغان. شۇ يىلى مەنزۇرە رېژىسسور مەدىنە مۆمىنوۋا تەرىپىدىن «تاھىر ۋە زۆھرە» فىلىمىدە رول  ئېلىشقا  تەكلىپ قىلىنغان. يەككە ئىجادىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا باشلىۋالغان مەنزۇرە ئۆز مېھنىتىنىڭ نەتىجىسىنى 2002-يىلىغا كەلگەندە كۆرۈشكە باشلىغان. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا مەنزۇرە 2002-يىلى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيتى زۇڭتۇڭى ئىسلام كەرىموف تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «نىھال» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەر بىر سەنئەتكار ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى ھېس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېسىل كۈيلەرنى خەلقنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ ئەلۋەتتە!  شۇ ۋەجىدىن مەنزۇرە شۇ يىلى «مۇھەببەت سىناقلىرى-1» فىلىمىدە رول ئالغان ۋە فىلىمنىڭ قىستۇرما ناخشىلىرىنى ئېيتقان. 2004- يىلى كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «مۇھەببەت سىناقلىرى-2» فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنغان. شۇنداقلا مەزكۇر فىلىمنىڭ قىستۇرما ناخشىلىرىنى ئېيتىشقا يەنە مەنزۇرە تەكلىپ قىلىنغان. يەنە شۇ يىلى مەنزۇرە ئۆزىنىڭ «بىۋاپا» دەپ ناملانغان تۇنجى يەككە كونسىرتى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيتى «تۈركىستان» نامىدىكى يازلىق سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈپ، خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى كونسىرتىنىڭ پىلاستىنكىسىنى بازارغا سالغان.

    2005- يىلى «چوقۇم سەن» فىلىمى تاماشىبىنلارغا تەقدىم ئېتىلگەن. مەزكۇر  فىلىمنىڭ قىستۇرما ناخشىلىرىنى تەكلىپكە بىنائەن يەنىلا مەنزۇرە ئوقۇپ بەرگەن. فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، فىلىمدىن بەكراق، فىلىمنىڭ قىستۇرما ناخشىلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. 2006- يىلى مەنزۇرە شۇ يىلنىڭ ئەڭ ياخشى ئىجراچىسى نامىغا ۋە «تەرانە» مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان.

    2007-يىلى مەنزۇرە يۆنىلىشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، يېڭىچە قىياپەتتە سەھنىدە پەيدا بولۇشقا باشلىغان.  شۇنداقلا شۇ يىلى ئۆزىنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسى «چۈشلەرىمگە كىر» نى ئېلان قىلىپ تارقاتقان.. بۇ پىلاستىنكىغا ئۇنىڭ «پاناھ» فىلىمىدە ئېيتقان «ئەپسۇسدىمەن» ناملىق ناخشىسىمۇ قوشۇلغان ئىدى. 2007-يىلى ئۇنىڭغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولغان. يەنى، ئۇ يېڭى فانتازىيەلىك فىلىم «سۆيگۈ» دە باش رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلىنغان. ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەتكار ئۇستاز مۇنەۋۋەر ئابدۇللايېۋادىن ئاكتىيورلۇق ماھارىتى بويىچە تەلىم ئالغان مەنزۇرە مەزكۇر فىلىمدە ئىككى ئوبراز، يەنى قىز ماشىنا ئادەم ۋە ئوقۇتقۇچى قىز (مەفتۇنە)  نىڭ ئوبرازىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوينىغان.


     بۇ قېتىملىق فىلىمدە باش رول ئېلىشتىن كېيىن، مەنزۇرە يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ ناخشىچىلا ئەمەس بەلكى ياخشى بىر پىشىپ يېتىلگەن ئاكتىيور ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. 2007- يىلى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىجادىي پەرۋاز» كىنو- فىلىم فېستىۋالىدا مەنزۇرە باش رول ئالغان مەزكۇر فىلىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شۇ يىلى مەنزۇرە يەنە «لەيلى ۋە مەجنۇن» ناملىق پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. شۇنداقلا شۇ يىلنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال ئىجراچىسى نامىغا ئېرىشكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇنىڭ «لەيلى ۋە مەجنۇن» ناملىق مەزكۇر ناخشىسى «تەرانە» كومىتېتى تەرىپىدىن «يىل ناخشىسى» دېگەن نامغا سازاۋەر بولغان.  


    2010- يىلى «سۆيگۈ2» فىلىمى سۈرەتكە ئېلىندى. بۇ فىلىمدا ھەم مەنزۇرە باش ئايال پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالغان. فىلىمنىڭ قىستۇرما ناخشىلىرىنى ھەم ئۆزى ئورۇنلىغان. شۇ يىلى يەنە رېژىسور رۇستەم سەئىدېۋ رېژىسورلۇق قىلغان «مەن بۇ مەن» فىلىمىدە ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەتكار رەيھان بىلەن بىرگە فىلىمنىڭ قىستۇرما ناخشىلىرىنى ئورۇندىغان. بۇ رەيھان ۋە مەنزۇرەنىڭ تۇنجى قېتىملىق ھەمكارلىقى ھېسابلىنىدۇ. 

    مەنزۇرە 2011- يىلىدىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە يەنە توختىماستىن يېڭى ئىجادىيەتلەرنى ئۆز مەستانىلەرگە سوۋغا قىلىپ كەلمەكتە. 

    تۆۋەندە مەنزۇرە ئىجراسىدا بىر قانچە ناخشىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق، قېنى مەرھەمەت:


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ