ياش تالانتلىق رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر
    يوللانغان ۋاقتى:2017-10-20 08:06 مەنبەسى:

    ئىسىم-فامىلىسى: زۇمرەت ئابدۇقادىر

    تۇغۇلغان ۋاقتى: 1991-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى

    مىللىتى: ئۇيغۇر

    خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

    ئېگىزلىكى: 1.68 سانتىمېتىر

    ئېغىرلىقى: 50 كىلوگىرام

    يۇرتى: ئۈرۈمچى

    ئائىلە ئەزالىرى: ئاتا-ئانام، يولدىشىم، ئىنىم

    مۆچىلى: قوي

    قان تىپى: O تىپ

    ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس



    قىزىقىشى: گۈل تىزىش، ساياھەت قىلىش، ئەتىر قۇتىسى يىغىش

    ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: قىش

    ياخشى كۆرىدىغان ھايۋان: قوي

    ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: ھال رەڭ، ئاسمان كۆكى

    ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچى: ئادىلە سىدىق

    ياخشى كۆرىدىغان ئېتوت چولپىنى: ئابدۇكېرىم ئابلىز

    ياخشى كۆرىدىغان ناخشىسى: ساڭا ئامراق (ئادىلە سىدىق)

    ياخشى كۆرىدىغان تامىقى: ئاپام ئەتكەن تاماقلار

    ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك: تاۋۇز

    ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كىشى: ئاتا-ئانام، يولدىشىم، بارلىق ئوقۇتقۇچىلار

    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىش: ساياھەت قىلىش، گۈل تىزىش

    بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان جاي: ھەممە يەر

    ياخشى كۆرىدىغان كىتاب: جاللات خېنىم

     


        زۇمرەت ئابدۇقادىر 1991-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1996-يىلىدىن 2002- يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 2002-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 2005-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 2008-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى دىكتور-رىياسەتچىلىك كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 2012-يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەن.




    ئېرىشكەن نەتىجىلىرى:

      2006-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان «گەيرۈي لوڭقىسى» رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسىدە مايسىلار گۇرۇپپىسى بويىچە 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن.

      2010-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان «ئالتۇن مىكروفون» رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن.

    2011-يىلى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان «مەيچۇەر لوڭقىسى» نى تالىشىش رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسىدە ئاپتونوم رايون بويىچە 10 مۇنەۋۋەر رىياسەتچىنىڭ بىرى بولغان.

    2013-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان «دەرىجىدىن تاشقىرى رىياسەتچىلەرنى تاللاش» مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن.



    خىزمەت تارىخى:

      2012-يىلى 1-ئايدىن 2013-يىلى 5-ئايغىچە ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئىقتىساد كۆزنىكى»، «ئىگىلىك سەھنىسى» قاتارلىق پىروگراممىلىرىدا مۇخبىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

    2013-يىلى 5-ئايدىن 7-ئايغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ناۋا» پروگراممىسىدا رىياسەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 

    2014-يىلى 2-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «گۈزەللىك سىزدە» پىروگراممىسىدا ھەمدە 2015-يىلىدىن ھازىرغىچە «شېرىن چۈش» پىروگراممىسىدا رىياسەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.



    2016-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچىدە بەختلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى؛ 



كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ